باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سىچۈەن-شىزاڭ ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشى رەسمىي ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى

2014.11.21 13:31         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سىچۈەن-شىزاڭ ئېلېكتىر بىرلەشمە تورى قۇرۇلۇشىنى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈش مۇراسىمى 20-نويابىر ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ بېيجىڭدا مۇراسىمغا قاتناشتى ھەم قۇرۇلۇشنىڭ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكىنى جاكارلىدى.

  ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈش مۇراسىمىدىن بۇرۇن، يۈ جېڭشېڭ دۆلەتلىك ئېلېكتىر تەڭشەپ تىزگىنلەش مەركىزىنى كۆزدىن كەچۈردى. سىچۈەن-شىزاڭ ئېلېكتىر بىرلەشمە تورى قۇرۇلۇشى-دۆلەتلىك ئېلېكتىر شىركىتى مەركەزنىڭ شىزاڭ ھەققىدىكى ئىستراتېگىيەلىك خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ غەربىي رايوننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، سىچۈەن بىلەن شىزاڭدىكى زاڭزۇلار رايونىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ھەم ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمىنلىكىگە مۇلازىمەت قىلىشىدىكى مۇھىم قۇرۇلۇش. بۇ قۇرۇلۇش شىزاڭنىڭ چاڭدۇ ئېلېكتىر تورى بىلەن سىچۈەن ئېلېكتىر تورىنى تۇتاشتۇرىدۇ، بۇنىڭغا جەمئىي ئالتە مىليارد 630 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان.

  سىچۈەن-شىزاڭ ئېلېكتىر بىرلەشمە تورى قۇرۇلۇشى-ھازىرغىچە دۇنيادىكى ئەڭ قىيىن توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى. سەككىز ئاي تېرىشىش ئارقىلىق، دۆلەتلىك ئېلېكتىر تورى شىركىتى قاتارلىق 40 نەچچە كارخانا، 20 مىڭدىن ئارتۇق قۇرۇلۇشچى قاتنىشىپ، ئېگىز تاغلار، ھەيۋەتلىك دەريالار توسالغۇ بولۇش، ئېگىزلىكتە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك قاتارلىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، دۇنياۋى ئىلغار سەۋىيەگە ئىگە بۇ ئېگىزلىكتىكى توك يەتكۈزۈش سەرخىل قۇرۇلۇشىنى مۇددەتتىن يېرىم يىل بۇرۇن تاماملاپ، دۇنيادىكى ئېگىزلىك رايونى ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشىدىكى ئۆلۈم-يېتىم بولماسلىق، يارىلانماسلىق، نۇقسان بولماسلىقتىن ئىبارەت يېڭى رېكورتنى ياراتتى.

  سىچۈەن-شىزاڭ ئېلېكتىر بىرلەشمە تورى قۇرۇلۇشى پۈتكەندىن كېيىن، شىزاڭنىڭ چاڭدۇ بىلەن سىچۈەن گەنزى ئوبلاستىنىڭ جەنۇبىدىكى جايلارنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى توك ئېھتىياجىغا كۈچلۈك مەدەت بولىدۇ. شىزاڭ چاڭدۇ ۋىلايىتىنىڭ ئېلېكتىر تەرەققىياتى ئېغىر دەرىجىدە كەينىدە قالغان، ئېلېكتىر تورى ئۇزۇن مۇددەت يالغۇز ھالەتتە تۇرغان، تور جاھازلىرى ئاجىز، توك تەمىناتى بەك يېتەرسىز ھەم توكسىز نوپۇس كۆپ بولۇش مەسىلىسى ئىنتايىن ئېغىر ئىدى. سىچۈەن-شىزاڭ ئېلېكتىر بىرلەشمە تورى قۇرۇلۇشى-شىزاڭ چاڭدۇ ۋىلايىتىدىكى ئېلېكتىر تورىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت يالغۇز ھالەتتە تۇرۇش تارىخىغا خاتىمە بېرىپ، چاڭدۇ ۋىلايىتىدىكى 500 مىڭغا يېقىن نوپۇسنىڭ توك ئىشلىتىش مەسىلىسىنى تۈپتىن ھەل قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر