باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

16-نۆۋەتلىك شېنجېن خەلقئارا يۇقىرى يېڭى تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرى يەرمەنكىسى ئۆتكۈزۈلدى

2014.11.17 10:19         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  16-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا يۇقىرى يېڭى تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرى يەرمەنكىسى 16-نويابىر شېنجېندا ئېچىلدى، جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ يەندۇڭ، جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى خۇ چۈنخۇا ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، پەن تېخنىكا مىنىستىرى ۋەن گاڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى، ليۇ يەندۇڭ يەرمەنكىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى جاكارلىدى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 16-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا يۇقىرى يېڭى تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرى يەرمەنكىسى «يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېشىل تەرەققىياتنى تېزلىتىش»نى باش تېما قىلغان، ئومۇمىي كۆلىمى 110 مىڭ كۇۋادىرات مېتىردىن ئاشىدۇ، 50 نەچچە دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 100 دىن ئارتۇق ۋەكىللەر ئۆمىكى، 3000 دىن ئارتۇق سودىگەر، 10 مىڭدىن ئارتۇق تۈر كۆرگەزمە، سودا ۋە يەرمەنكىگە قاتناشقان.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ قېتىمقى يۇقىرى يېڭى تېخنىكا يەرمەنكىسىدە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش چىڭ تۇتۇلۇپ، پەن تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ «ئۈچتە بۇرۇلۇش ياساش» تا قولغا كەلتۈرگەن ئىجابىي ئۈنۈمى نۇقتىلىق گەۋدىلەندۈرۈلگەن. ئالايلۇق: پەن تېخنىكا مىنىستىرلىقى ئۆتكۈزگەن «دۆلەتلىك پەن تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە يېڭى تېخنىكا تەرەققىياتى» دىكى ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى قاتارلىق تەخمىنەن 200 تۈر ۋە ئەمەلىي بۇيۇم كۆرگەزمە قىلىنغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر