باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دوختۇرخانا مالىمانچىلىقى ۋە قانۇنسىز كېسەل كۆرۈش قاتارلىق قىلمىشلىرىغا زەربە بېرىلىدۇ

2014.11.07 10:05         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى 5-نويابىر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ مۇنۇلارنى تونۇشتۇردى: داۋالاش ماجرالىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش نىزامى قاتارلىق ئالاقىدار قانۇن نىزاملار يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، دوختۇرخانا مالىمانچىلىقى ۋە قانۇنسىز كېسەل كۆرۈش قاتارلىق قىلمىشلىرىغا زەربە بېرىلىدۇ.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، قانۇنسىز كېسەل كۆرۈش قاتارلىق قىلمىشلارنى ئېنىقلاش ئۈچۈن سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى بىر يىل قانۇنسىز كېسەل كۆرۈشكە زەربە بېرىش مەخسۇس ھەركىتىنى قانات يايدۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە جەمئىي تۈرلۈك دېلولاردىن 93 مىڭنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، 220 مىليون يۈەن قانۇنسىز تاپاۋەتنى مۇسادىرە قىلغان ۋە جەرىمانە قويغان، ئەمما قانۇنسىز كېسەل كۆرۈش يەنىلا تۈگتىلمىدى، بولۇپمۇ شەھەرلەر بىلەن يېزىلار تۇتۇشىدىغان جايلاردا ئېغىر بولماقتا، داۋالاش كاپالەت سستېمىسىنى تۈپ مەنبەسىدىن مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن قانۇنسىز كېسەل كۆرۈشنى تۈپتىن تۈگىتىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر