باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سەي جىنخۇا: ماھارەت تەنتەربىيەسى مەشىق ئىنقىلاۋىغا مۇھتاج

2014.10.27 16:41         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2014-يىللىق توپ تۈرلىرى سانلىق مەلۇماتى ۋە جىسمانىي مەشىق مۇھاكىمە يىغىنى 26-ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدا ئاياقلاشتى. دۆلەتلىك تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سەي جىنخۇا مۇنداق دېدى: ئۈچ چوڭ توپ تۈرى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتە توپ تۈرى مەشىق قانۇنىيىتىدە سەۋەبىنى ئىزدەپ، چارە تېپىش كېرەك، جۇڭگونىڭ ماھارەت تەنتەربىيەسى بىر مەيدان مەشىق ئېڭى ئىنقىلاۋىغا مۇھتاج.

  ئۇ مۇنداق دېدى: چوڭ تىپتىكى سانلىق مەلۇماتلارنى يېغىش، تەھلىل قىلىش، قېزىش، بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىق، ئېلىمىزنىڭ توپ تۈرى بولۇپمۇ ئۈچ چوڭ توپ تۈرى مەشىقىنى ئىلمىيلاشتۇرۇش ۋە ئەقىلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، مەشق جەريانىنى ھەرىكەتچان باھالاپ، مەشىق مىقدارىغا توغرا ھۆكۈم قىلىپ، ئىقتىدار ھالىتىنى سىستېمىلىق كۆزىتىپ، تېخنىكىلىق مەشىق قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك، كۈچلۈكلۈك دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  ئۇ مۇنداق دېدى: ئەمدىلا ئاياقلاشقان 2014-يىللىق ئاياللار ۋالىبول دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە، بىز قىممەتلىك كۆمۈش مىدالغا ئېرىشتۇق. بۇ نەتىجىنى يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەت ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىنىڭ كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتىش، بېرىكىش تىپىدىكى كوللىكتىپ قۇرۇلۇشىنى سەرخىللاشتۇرۇش، جىسمانىي مەشىققە ئەھمىيەت بەرگەنلىكىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر