باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

باھالاش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، مەركەز باشقۇرۇدىغان مەسئۇل خادىملار بىلەن كەسپىي دىرېكتورلار ئايرىپ باشقۇرۇلىدۇ

نۇرغۇن مەركەز كارخانىلىرى مەسئۇللىرىنىڭ مائاشى تۆۋەنلەيدۇ

2014.09.03 12:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى چيۇ شياۋپىڭ بۇ خىل ئىسلاھاتنىڭ دائىرىسى مەركەز كارخانىلىرىدىن مەركەز باشقۇرىدىغان مەسئۇل خادىملارغا ئۇيغۇن كېلىدۇ، ئۇ گوۋۇيۈەن دۆلەتكە ۋاكالىتەن مەبلەغ چىقارغۇچىلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان دۆلەت شېرىكسىز كارخانىسى ياكى دۆلەت پاي كونترول كارخانىسىدىكى مەركەز باشقۇرىدىغان كارخانا باش مۇدىرى، پارتكوم(پارتگۇرۇپپا) شۇجىسى، باش دىرېكتور (لىدىر، بانكا باشلىقى قاتارلىقلار)، باش نازارەتچى (نازارەت كومىتېتىنىڭ رەئىسى)، ھەم باشقا مۇئاۋىن مەسئۇللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  بۇ خىل مەركەز كارخانىلىرىنىڭ ئالىي باشقۇرغۇچىلىرىدىن، بازارلاشتۇرۇپ تەكلىپ قىلىنغان كەسپىي دېرېكتورلارنىڭ مائاشى بازار مېخانىزمى بويىچە بېكىتىلىدۇ.

  شۇنىڭ بىلەن بىرگە، تەلەپ بويىچە، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ باشقا مەسئۇللىرى، مەركەز تارماقلىرىغا قاراشلىق كارخانىلار ۋە جايلارغا قاراشلىق دۆلەت كارخانىلىرى مەسئۇللىرىنىڭ مائاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىمۇ «ئىسلاھات لايىھەسى»نىڭ روھىغا ئاساسەن پائال، پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

  دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى ۋە كەسپىي دىرېكتورلار تۈزۈمىنىڭ ئورنىتىلىشىغا ئەگىشىپ، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ئىككىگە ئايرىلىدۇ. بىر قىسمى تەشكىل تەرىپىدىن تەيىنلىنىپ، كارخانىغا بېرىپ ئىگىدارلىق مەسئۇلىيىتىنى يۈرگۈزىدۇ، بىر قىسمىنى مۇدىرىيەت كارخانىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئاساسەن تەيىنلەيدۇ. كەلگۈسىدە مەركەز كارخانىلىرىدا بازارلاشتۇرۇپ تەكلىپ قىلىنغان باش دىرېكتور، مۇئاۋىن باش دىرېكتورلارنىڭ مائاشى تەشكىل تەيىنلىگەن باش مۇدىرلارنىڭ مائاشىدىن يۇقىرى بولىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلۈشى مۇمكىن، لېكىن تەشكىل تەيىنلىگەن باش مۇدىرلارمۇ مۇناسىپ كەسىپ خەۋپ-خەتىرىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، ياخشى ئىشلىمىگەنلەرنىڭ مائاشىنى تۆۋەنلىتىش ھەتتا ئىشتىن بوشىتىش كېرەك.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر