- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
تۆت چوڭ دۆلەت بانكىسىنىڭ تۇنجى يۈرۈش ئۆيگە بەرگەن قەرزى ئۆي-مۈلۈك ئومۇمىي قەرزىنىڭ 90 پىرسەنتىنى ئىگىلىدى
2014.08.29 16:42 مەنبە: خەلق تورى
بۇ يىلدىن بۇيان، ئۆي-مۈلۈكچىلىك بازىرى تەڭشىلىپ، ئۆي-مۈلۈك ئامانەت-قەرز مەبلىغىىنىڭ يوشۇرۇن خەۋپ-خەتەرلىرى ئاشكارىلىنىپ، بازار مۆلچەرىدە ئۆزگىرىش پەيدا بولدى. سودا بانكىلىرىنىڭ شەخسىي تۇرالغۇ ئۆي ئامانەت-قەرز بايلىقىنى تەقسىملەش ئەھۋالى، شەخسىي تۇرالغۇ ئۆي قەرزىنى تەستىقلاش ئۆلچىمى ۋە تەرتىپىىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلىدىغان قىززىق نۇقتىغا ئايلىنىپ قالدى.تۇنجى قېتىم تاۋار ئۆي سېتىۋالغانلارنىڭ تەلىپى ئالدىن قاندۇرۇلدى
جۇڭگو خەلق بانكىسى 5-ئايدا يىغىن ئېچىپ، سودا بانكىلىرىدىن قەرز بايلىقىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئالدى بىلەن تۇنجى قېتىم تاۋار ئۆي سېتىۋالغان ئاھالىلەرنىڭ قەرز تەلىپىنى قاندۇرۇشنى تەلەپ قىلدى، ھەرقايسى بانكىلار بۇ سىياسەتنى بەس-بەستە ئەمەلىيلەشتۈردى.ئۆي قەرزىنى تەستىقلاش ئۆلچىمىنى چېڭىتىش ياكى بوشىتىش ئەھۋالى كۆرۈلمىدى
جاۋ جيەن مۇنداق دېدى: بىر تەرەپتىن، 5-ئايدىن 7-ئايغىچە سودا-سانائەت بانكىسى 29 مىليارد يۇەن شەخسىي ئۆي قەرزىنى كۆپەيتتى، يەنە بىر تەرەپتىن يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان سودا-سانائەت بانكىسى ئاكتىپ ھالدا شەخسىي تۇرالغۇ ئۆي قەرزىنى ئاپتوماتىك تەستىقلاشنى كېڭەيتىپ، كەسىپ بېجىرىش ئۈنۈمىنى تېخىمۇ ئۆستۇردى.
يېزا-ئىگىلىك بانكىسى ئالاقىدار خادىمىنىڭ كۆرسىتىشىچە، قەرز تەستىقلاش ئۆلچىمىنى چېڭىتىش ۋە بوشىىتىش ئەھۋالى يۈز بەرمىگەن، تەستىقلاش تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان قەرز پۇل ئاساسىي جەھەتتىن تەستىقلىنپ، تەستىقلاش نىسبىتى %90 دىن ئاشقان.
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر