خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇربان سايىم خەۋىرى: 28-ئاۋغۇست، باي ناھىيەسىنىڭ داۋانچى دېھقانچىلىق مەيدانىدا «مەدەنىيەتنى ئائىلىلەرگىچە كىرگۈزۈپ، دىنىي ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» باش تېمىسىدا مەدەنىيەت پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى. پائالىيەتتە مىللىي مەشرەپ ئوينالدى، زامانىۋىي مىللىي كىيىم مودېللىرى ئويۇن كۆرسەتتى، تاماق ئېتىش، كەشتىچىلىك، قول ھۈنەر بۇيۇملىرى، ئۇزۇن چاچلىقلار بويىچە مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلدى.پائالىيەتكە 200 چە كىشى قاتنىىشىپ، 12 نەپەر ماھىر «ئەڭ ياخشى ئاشپەز»، 10 نەپەر ماھىر «كەشتە ئۇستىسى»، 4 نەپەر ماھىر «ئەڭ گۈزەل مودېل»، 3 نەپەر ماھىر «ئەڭ گۈزەل ئۇزۇن چاچلىق» بولۇپ تاللىنىپ مۇكاپاتقا ئېرىشتى.
سۈرەتتە: پائالىيەتتىن كۆرۈنىشلەر.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى