باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

5 ئۆلكە ۋە 3 مىنىستىرلىق-كومىتېت چىرىكلىك دېلولىرىنى تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىش تۈزۈلمە مېخانىزمى ئىسلاھاتىنىڭ سىناق نۇقتىسى قىلىپ بېكىتىلدى

2014.08.29 16:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيەنىڭ 18-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-ئومۇمىي يىغىنىدا ئسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش قارار قىلىنىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى توغرىسىدا مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلدى، بىر يۈرۈش ئېنىق ئىسلاھات تەدبىرلىرى ۋە تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. چىرىكلىك دېلولىرىنى تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىشتا يۇقىرى دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى رەھبەرلىرىنى ئاساس قىلىپ، يىپ ئۇچىنى بىرتەرەپ قىلىش ۋە دېلونى تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى تەڭ دەرىجىلىك پارتكومغا دوكلات قىلىش بىلەن بىرگە يۇقىرى دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتغا دوكلات قىلىش بۇنىڭ ئىچىدىكى مۇھىم بىر تۈر ھېسابلىنىدۇ. بۇ پارتىيەنى پارتىيە باشقۇرۇش، پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇش مۇھىم تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىنتىزام تەكشۈرۈش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھاھ قىلىشتىكى مۇھىم بىر ھالقا، شۇنداقلا، چىرىكلىك دېلولىرىنى تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىش رەھبەرلىك تۈزۈلمىسى ۋە خىزمەت مېخانىزمىدىكى زور ئىسلاھات ۋە يېڭىلىق ھېسابلىنىدۇ. ئىسلاھاتنى پۇختا ۋە مۇقىم ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن، 2014-يىلى 4-ئايدىن باشلاپ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى يولغا قويۇش پىكرىنى تۈزۈپ چىقىپ، خېبىي، جېجياڭ، خېنەن، گۇاڭدۇڭ، شەنشى قاتارلىق 5 ئۆلكە ۋە گۇۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى، سودا مىنىستىرلىقى، تاموژنا باش مەھكىمىسى قاتارلىق 3 مىنىستىرلىق ۋە كومىتېتنى سىناق نۇقتىسى قىلىپ بېكىتكەن، شۇنداقلا سىناق نۇقتىسى ئارقىلىق تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەپ، كېلەر يىلى ئومۇميۈزلۈك ئومۇملاشتۇرۇشنى پىلانلىغان.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر