باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

قانۇن تۇرغۇزۇش قانۇنى يولغا قويۇلغان 14 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم تۈزىتىلىپ، رايونلۇق شەھەرلەرگە يەرلىك قانۇن تۇرغۇزۇش ھوقۇقى بېرىلدى

2014.08.29 14:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىقتىساد-جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، قانۇن تۇرغۇزۇش خىزمىتىدە بىر قاتار يېڭى ئۆزگىرىش ۋە مەسىلىلەر بارلىققا كېلىپ، قانۇن تۇرغۇزۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشقا قارىتا يېڭى تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 10-قېتىملىق يىغىنىدا، كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ ھاۋالىسىگە ئاساسەن، مەملىكەت خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى شىشى قانۇن تۇرغۇزۇش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى توغرىسىدا چۈشەندۈرۈش بەردى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى شىشى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەزنىڭ بىردەك رەھبەرلىكى ئاستىدا، يەرلىكنىڭ تەشەببۇسكارلىقى ۋە ئاكتىپلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، رايونلۇق شەھەرلەرنىڭ ھەممىسىگە يەرلىك قانۇن تۇرغۇزۇش ھوقۇقى بېرىش تولىمۇ زۆرۈر. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، رايونلۇق شەھەرلەر سانىنىڭ بىرقەدەر كۆپ بولۇش، رايونلار پەرقى بىر قەدەر چوڭ بولۇش مەسىلىسىنى كۆزدە تۇتۇپ، بۇ بىر تۈرلۈك خىزمەتنى ئاكتىپ، مۇۋاپىق روھ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، نۆۋەتتە پۈتۈن مەملىكەتتىكى 282 رايونلۇق شەھەر ئىچىدە، 49 شەھەر يەرلىك قانۇن-تۈزۈم تۇرغۇزۇش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەن، ئۇلار 27 ئۆلكە مەركىزى، 18 گوۋۇيۇەن تەستىقىدىن ئۆتكەن نىسپىي چوڭ شەھەر ۋە 4 ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايوننى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، 233 شەھەرنىڭ قانۇن تۇرغۇزۇش ھۇقوقى يوق ئىكەن.

  لايىھەگە ئاساسلانغاندا، ئۆلكە مەركىزى، ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون تۇرۇشلۇق شەھەرلەر شۇنىڭدەك گوۋۇيۇەن تەستىقلىغان نىسپىي چوڭ شەھەرلەردىن سىرت، باشقا رايونلۇق شەھەرلەرنىڭ ھەممىسى بىر قەدەر زور يەرلىك قانۇن تۇرغۇزۇش ھوقۇقىدىن بەھرىمان بولىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، لايىھەدە يەرلىك قانۇن تۇرغۇزۇش ھوقۇقىنىڭ دائىرە چېكىگە قارىتا بەلگىلىمە چىقىرىلغان: «بىر قەدەر چوڭ شەھەرلەر يەرلىك قانۇن تۈزۈشتە شەھەر قۇرۇلۇشى، شەھەر قىياپىتى-تازىلىقى، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق شەھەر باشقۇرۇش جەھەتتىكى ئىشلار بىلەن چەكلىنىدۇ.»
 جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر