باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭنىڭ تۇنجى ئاۋىياتسىيە شىركىتى ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيە شىركىتى قۇرۇلدى

2014.08.29 14:40         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭدىكى تۇنجى ئاۋىياتسىيە شىركىتى ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى 28 – ئاۋغۇست قۇرۇلدى.

  ئىگىلىشىمچە، ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيە شىركىتى 2013 – يىلى 11 – ئايدا خەلق ئاۋىياتسىيەسى ئىدارىسى قۇرۇشقا تەييارلىق قىلىشنى تەستىقلىغان، ئۈرۈمچى شەھەرلىك قۇرۇلۇشقا مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتى بىلەن خەينەن ئاۋىياتسىيەسى پاي چەكلىك شىركىتى ھەمكارلىشىپ تەسىس قىلغان شىركەت بولۇپ، تىزىملاتقان مەبلىغى 3 مىليارد يۈەن ئىكەن. ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيە شىركىتى ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايرودۇرۇمىنى ئاساسىي تىجارەت بازىسى قىلىدىكەن، دەسلەپتە ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ قاتارلىق ئاۋىياتسىيە غول لىنىيەلىرىدە، شۇنداقلا ئاقسۇ، كورلا، غۇلجا، خوتەن قاتارلىق ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نۇقتىلىق ئاۋىياتسىيە تارماق لىنىيەلىرىدە ئايروپىلان قاتنايدىكەن. بۇنىڭدىن كېيىن ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيە شىركىتى ئۈرۈمچىنى مەركەز قىلغان، غول لىنىيە بىلەن تارماق لىنىيە بىرلەشتۈرۈلگەن، ئاپتونوم رايونىمىزنى قاپلىغان رايون خاراكتېرلىك ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تورىنى بەرپا قىلىدىكەن ھەم تەدرىجىي ئوتتۇرا ۋە غەربىي ئاسىيا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى، ياۋروپا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئاچىدىكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى خۇاڭ ۋېي مۇنداق دېدى: يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشى شىنجاڭغا مىسلىسىز تەرەققىيات پۇرسىتى ئېلىپ كېلىدۇ، شىنجاڭ ئېلىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بولۇپ، ئۇ ئىقتىساد بەلبېغىنى تۇتاشتۇرۇش ۋە گۈللەندۈرۈشتەك مۇھىم بۇرچنى ئۈستىگە ئالغان. ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيە شىركىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلق ئاۋىياتسىيەسى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللىشى ئۈرۈمچىنىڭ ئىقتىسادىنى، جۈملىدىن يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەرەققىيات پىكىر يولى ھېسابلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر