باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئىنقىلابىي قۇربان ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ تەرجىمىھالى

2014.08.29 10:19         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  (1914.4 ~ 1949.8)

  ئەخمەتجان قاسىمى، ئەر، ئۇيغۇر، شىنجاڭ غۇلجىدىن. 1914-يىلى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى تۇغۇلغان. ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىدا تاغىسىغا ئەگىشىپ سوۋېت ئىتتىپاقىغا بارغان. 1936-يىلى موسكۋادىكى شەرق سوتسىيالىزمچىلار ئەمگەك ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن. 1942-يىلى ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ غۇلجىدا ئۇششاق تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغاچ ئىنقىلاب ئىدىيەسىنى تەشۋىق قىلغان. 1943-يىلى 12-ئايدا گومىنداڭ ئەكسىيەتچى كۈچلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە قامالغان. 1944-يىلى 10-ئايدا قويۇپ بېرىلىپ دىخۇا (ھازىرقى ئۈرۈمچى) دىن غۇلجىغا قايتىپ، غۇلجىدىكى توپىلاڭغا قاتناشقان. شۇ يىلى 11-ئايدا غۇلجىدىكى قوراللىق توپىلاڭ غەلىبە قىلغاندىن كېيىن گېزىتخانىدا تەھرىر، ئۈچ ۋىلايەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ كاتىپى، ھەربىي ئىشلار بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ھەيئىتى قاتارلىق ۋەزىپىلەرگە تەيىنلەنگەن. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەدىتى ۋە ياردىمى بىلەن ئۈچ ۋىلايەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى رەھبەرلىك قاتلىمىغا كىرىپ، ئۈچ ۋىلايەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ كومىتېت ئەزاسى، ئالىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن ۋە سۆھبەت ۋەكىلى بولۇپ تەيىنلىنىپ، ئۈچ ۋىلايەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى ئېلىخان تۆرە باشچىلىقىدىكى تىنچلىق سۆھبىتىگە قارشى تۇرىدىغان، «مۇستەقىللىق»تە چىڭ تۇرىدىغان، «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» نامىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى خالىمايدىغان مىللىي بۆلگۈنچى ئۇنسۇرلار بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلغان. ئاخىرىدا ئۈچ ۋىلايەتنىڭ گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ يېتەكچى ھوقۇقىنى ئىگىلەپلا قالماستىن، ئۈچ ۋىلايەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى رەھبەرلىك ھوقۇقىنى ئىگىلىگەن. «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» نامىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، «تىنچلىق بىتىمى» ئىمزالاش، شىنجاڭ ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمىتى قۇرۇشتا زور تۆھپە قوشقان. 1946-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى شىنجاڭ ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمىتى قۇرۇلۇپ، ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ تەيىنلىنىپ، «تىنچلىق بىتىمى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقىنى قوغداش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشقان. ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت نامدا بار، ئەمەلدا يوق بولۇپ قالغاندىن كېيىن دىخۇادىن غۇلجىغا قايتىپ كېلىپ، ئۈچ ۋىلايەتنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە داۋاملىق رەھبەرلىك قىلغان، ئۈچ ۋىلايەتنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت، مائارىپ ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، مىللىي ئارمىيە قۇرۇشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلغان. 1948-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى «شىنجاڭ تىنچلىقنى-خەلقچىللىقنى ھىمايە قىلىش ئىتتىپاقى»(قىسقارتىلىپ «شىنجاڭ ئىتتىپاقى» دەپ ئاتىلىدۇ)نى قۇرۇشقا رىياسەتچىلىك قىلغاندا، «شەرقىي تۈركىستان»دىن ئىبارەت ۋەتەننى پارچىلاش مەنىسىگە ئىگە ئىسىمنى چۆرۈپ تاشلاشتا قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، «شىنجاڭ» دېگەن نامنى ئىشلىتىشنى كەسكىن قارار قىلغان ۋە بىر خەنزۇ يولداشنى مەركەزنىڭ كاندىدات ئەزالىقىغا قوبۇل قىلغان، «ئۆلكە خەلقىگە مۇراجەتنامە»دا خەنزۇنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شىنجاڭ ھەر مىللەت بىرلىكسېپى قۇرۇشنى تۇنجى قېتىم ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويغان. «شىنجاڭ ئىتتىپاقى»نىڭ مەركىزىي كومىتېت رەئىسى ۋە «شىنجاڭ ئىتتىپاقى» مەركىزىي تەشكىلات كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان مەزگىلدە، شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايىتىنىڭ دۆلەت ۋە مىللەت مەسىلىسىدىكى خاتالىقى ئۈستىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئويلىنىش ۋە خاتالىقلارنى تۈزىتىش ئۈچۈن «شىنجاڭ ئىتتىپاقى»غا رەھبەرلىك قىلىپ، ئۈچ ۋىلايەت دائىرىسى ئىچىدە ئىدىيە تۈزىتىشنى يولغا قويۇپ، تۈرلۈك ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ئۈچ ۋىلايەتتىكى كادىرلار، ئاممىغا ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش تەربىيەسى ئېلىپ بارغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلەتنىڭ ئازاد بولۇشىغا ماسلىشىش ئۈچۈن پائال خىزمەت قىلىپ، ئۈچ ۋىلايەتتىكى كادىرلار، ئاممىغا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تەشەببۇسلىرى ۋە خەلق ئازادلىق ئۇرۇشىنىڭ ۋەزىيىتىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىنىڭ خەلق ئازادلىق ئۇرۇشىغا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىگە باغلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ھەم جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بارلىق كۆرسەتمىسى ۋە قارارىغا سەمىمىي بويسۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 1949-يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى رەئىس ماۋ زېدۇڭنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن غۇلجىدىن يولغا چىقىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئايلىنىپ بېيپىڭ(ھازىرقى بېيجىڭ)غا جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 1-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىغا قاتنىشىشقا ماڭغان. 8-ئاينىڭ 27-كۈنى ئولتۇرغان سوۋېت ئايروپىلانى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى بايقال تاغلىرى ھاۋا بوشلۇقىدا ھادىسىگە ئۇچراپ، بەختكە قارشى 35 يېشىدا قازا قىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر