- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
2014-يىلى مەركەز مالىيىسى نەم يەرنى قوغداشقا 1 مىليارد 600 مىليون يۈەن ئاجراتتى
2014.08.06 09:09 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
نەم يەرنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، 2014-يىلى مەركەز مالىيىسى ئورمانچىلىق تولۇقلىما مەبلىغىنى كۆپەيتىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، تېرىلغۇدىن نەم يەرگە قايتۇرۇش، نەم يەرنىڭ ئېكولوگىيىلىك ئۈنۈمى تولۇقلىما سىنىقى ۋە نەم يەرنى قوغداش مۇكاپاتى قاتارلىق خىزمەتلەرنى قوللىدى ۋە يولغا قويدى. 2- قېتىملىق مەملىكەتلىك نەم يەر بايلىقىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، ئېلىمىزدە 800 مىليون مو نەم يەر بار بولۇپ، دۆلەت زېمىنىنىڭ %5.58 نى ئىگىلەيدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە تەبىئىي نەم يەر 700 مىليون مو بولۇپ، دۆلەت زېمىنىنىڭ %4.86 تىنى ئىگىلەيدىكەن. ھازىر ئېلىمىزدە نەم يەر كۆلىمى ئازىيىش، بۇلغىنىش ئېغىر بولۇش ، ئىقتىدارى چېكىنىش قاتارلىق مەسىلىلەر كۆرۈلمەكتە. مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھكىمىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نەم يەرنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قوللاش ئۈچۈن، 2014-يىلى مەركەز مالىيىسىنىڭ ئورمانچىلىق تولۇقلىما مەبلىغىدىن نەم يەرگە ئالاقىدار چىقىمى 1 مىليارد 594 مىليون يۈەنگە يەتكەن بولۇپ، نەم يەرنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە مەدەت بېرىلگەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر