باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپتىن قالايمىقان ھەق ئېلىشتىكى بەش تىپىك مەسىلە ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالى ئۇقتۇرۇلدى

2014.08.06 09:08         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مائارىپ مىنىستىرلىقى 4-ئاۋغۇست تور بېكىتىدە بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا بايقالغان مائارىپتا قالايمىقان ھەق ئېلىشتىكى بەش تىپىك مەسىلە ۋە ئۇنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىش ئەھۋالىنى ئۇقتۇردى. ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى:

  1.خېبېي ئۆلكىسى خېڭشۇي شەھىرىدىكى خېڭشۇي ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئۈچنى چەكلەش سىياسىتىگە خىلاپلىق قىلىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش، مۇلازىمەت خاراكتېرلىق ھەق ئېلىش،ۋاكالىتەن ھەق ئېلىش قېلىپلاشماسلىق مەسىلىسى.

  2.ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى باۋتۇ شەھەرلىك 9-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ خەلقئارا سىنىپ ئېچىش مەسىلىسى.

  3.خۇنەن ئۆلكىسى چاڭشا شەھىرى داۋتيەن ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئۈچنى چەكلەش سىياسىتىگە خىلاپلىق قىلىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مەسىلىسى.

  4.سىچۈەن ئۆلكىسى نەنچوڭ شەھىرى 1-ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئېنىقلاش قېلىپلاشتۇرۇشنى تاماملىماي، ئۆز ئالدىغا قالايمىقان ھەق ئېلىش، پىلاندىن ئاشۇرۇپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مەسىلىسى.

  5.يۈننەن ئۆلكىسى دالىي ئوبلاستىنىڭ ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىك ماتېرىيالىنى باھالاش خىزمىتىنى ۋاقتىدا ئىشلىمەسلىك مەسىلىسى.مائارىپتا قالايمىقان ھەق ئېلىش مەسىلىسىگە چېتىشلىق مەكتەپ رەھبەرلىرى ۋە مائارىپقا مەسئۇل تارماقلار بىر تەرەپ قىلىندى. جۈملىدىن مەمۇرىي ئاگاھلاندۇرۇش، مەمۇرىي گۇناھ يېزىش، ۋەزىپىسىنى تۆۋەنلىتىش ۋە يازما تەكشۈرۈش يېزىشقا بۇيرۇش قاتارلىق بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇللىرى قوللىنىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر