باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

قۇرغاقچىلىق رايوندىكى كۈزلۈك ئاشلىققا كاپالەتلىك قىلىشقا خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتىلدى

2014.08.06 09:06         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئالدىنقى مەزگىلدە خېنەن، شەنشى، ئەنخۇي قاتارلىق ئۆلكىلەرگە قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇشقا ئەۋەتىلگەن بەش گۇرۇپپا ئاساسىدا يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى 4-ئاۋغۇست خېبېي ، خۇبېي، ئىچكى موڭغۇل قاتارلىق نۇقتىلىق قۇرغاقچىلىق رايونلىرىدا قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش، كۈزلۈك ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ۋە چارۋىچىلىق خىزمىتىگە تاقابىل تۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش ئۈچۈن ئۈچ خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتتى. ئىگىلىنىشىچە،خىزمەت گۇرۇپپىسى ئاپەتكە ئېغىر ئۇچرىغان رايونلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش 1-سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، قۇرغاقچىلىق ئەھۋالىنى نەق مەيداندا تەكشۈرىدىكەن.


  قۇرغاقچىلىقنىڭ دېھقانچىلىق چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى باھالايدىكەن .يەرلىكتىكى يېزا ئىگىلىك تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە ئاپەتنىڭ يۈز بېرىش ئەھۋالى ۋە ئوخشاش بولمىغان زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈشى ئەھۋالىغا ئاساسەن، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش تېخنىكا يېتەكچىلىكىنى تۈزۈپ، قۇرغاقچىلىققا ئۇچرىغان رايونلارنىڭ زىرائەتلەرنى ئوغۇتلاش، پەرۋىش قىلىش ۋە چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىغا يېتەكچىلىك قىلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا جايلارنىڭ زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش تىزگىنلەش، مۇۋاپىق ۋاقىتتا جىددىي تاقابىل تۇرۇش ، ئالدىن ئېلىش ، تىزگىنلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرىكەن. بىر تۇتاش ئالدىنى ئېلىش بىر تۇتۇش تىزگىنلەشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېغىر ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلاردا مەھسۇلات ئازراق كېمىيىش، يېنىك قۇرغاقچىلىق بولغان رايونلاردا مەھسۇلات كېمەيمەسلىك، قۇرغاقچىلىق بولمىغان رايونلاردا مەھسۇلاتنى كۆپەيتىش ئۈچۈن تىرىشىپ، كۈزلۈك ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قولغا كەلتۈرۈش، يېزا ئىگىلىكىنىڭ مۇقىم راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشقا يېتەكچىلىك قىلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر