باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىبولا قاناش قىزىتما يۇقۇمىنىڭ ئېلىمىزگە كىرىشىدىن قاتتىق ساقلىنىش تەلەپ قىلىندى

2014.08.06 09:04         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۈپەت تەكشۈرۈش باش ئىدارىسى 4-ئاۋغۇست چېگرا ئېغىزلىرىدىكى ئىبولا قاناش قىزىتما يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تىزگىنلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشىنى تارقىتىپ، ھەر قايسى تەكشۈرۈش كارانتىن قىلىش ئىدارىلىرىدىن چېگرا ئېغىزلىرىدىكى سەھىيە كارانتىن قىلىش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، ئىبولا قاناش قىزىتما يۇقۇمىنىڭ دۆلىتىمىزگە كىرىشىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش تەلەپ قىلىندى.ئۇقتۇرۇشتا ھەر قايسى چېگرا ئېغىزلىرىدىن سەھىيە كارانتىن قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش تەلەپ قىلىندى.

  1.يۇقۇم تارقالغان رايوندىكى يولۇچىنى سېلىپ چېگرادىن كىرگەن نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتتىق كارانتىن قىلىنىدۇ.

  2.چېگرادىن كىرىش ئېغىزلىرى يۇقۇم بايقالغان جايدىن كەلگەن يولۇچىلارنى نۇقتىلىق تەكشۈرىدۇ.

  3.يۇقۇم بايقالغان جايدىكى قاتناش قوراللىرى ۋە ماللار سەھىيە جەھەتتىن قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

  4.يۇقۇم بايقالغان جايدىن كەلگەن ئالاھىدە بۇيۇملار ۋە ھايۋانات مەھسۇلاتلىرىنىڭ چېگرىدىن كىرىشى ۋاقتىنچە توختىتىلىدۇ.

  5.يۇقۇم بايقالغان رايونغا بارماقچى بولغان، ۋە شۇيەردىن كەلگەن نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ساۋاتلىرى تەشۋىق قىلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر