- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ گەنزى ئوبلاستى قاتتىق يامغۇرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، قىسمەن يول بۆلەكلىرى ئۈزۈلۈپ قالدى
2014.07.01 14:10 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مۇخبىرنىڭ 29-ئىيۇن كەچ سىچۈەن ئۆلكىلىك ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، كونترول قىلىش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە ، 27-ئىيۇندىن بۇيان ، ئابا ئوبلاستىنىڭ غەربى ۋە گەنزى ئوبلاستىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا قاتتىق يامغۇر ياغقان . يامغۇرنىڭ تەسىرىدە ، 28-ئىيۇن كەچتىن باشلاپ ، دادۇ دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىنىڭ سۈيى ئۆرلەپ ، 29-ئىيۇن سائەت 13:25 دە ، دەنبا پونكىتىدىن ئۆلچەنگەن قىيان پەللىسى سۇ ئورنى 2284.60 مېتىرغا يېتىپ ، بىخەتەر سۇ ئورنىدىن 0.14 مېتىر ئېشىپ كەتكەن .
سىچۈەن ئۆلكىلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ مۆلچەرلىشىچە ، 29-ئىيۇندىن 30-ئىيۇن كەچكىچە ، دادۇ دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدا داۋاملىق قاتتىق يامغۇر ياغىدىكەن .
ئىگىلىنىشىچە ، 27-ئىيۇندىن باشلاپ ياغقان يامغۇرنىڭ تەسىرىدە ، ئابا ئوبلاستى جىنچۈەن ناھىيەسىنىڭ بىر قىسىم يېزىلىرى ئوخشىمىغان دەرىجىدە كەلكۈن ۋە لاتقا-شېغىللىق ئېقىن ئاپىتىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ؛ گەنزى ئوبلاستى دەنبا ناھىيەسىدىكى توققۇز يېزا-بازار ، 36 كەنت ، 3 مەھەللە ئاپەتنىڭ زىيىنىغا ئۇچراپ ، بىر ئادەم يارىلانغان . پۈتۈن ناھىيەدىكى كۆپ قىسىم تاشيوللار ئوخشىمىغان دەرىجىدە بۇزۇلغان .
نۆۋەتتە ، ئالاقىدار تارماقلار ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋېتىپتۇ .
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر