باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى شۈ سەيخوۋغا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىشنى قارار قىلدى

2014.07.01 19:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 30-ئىيۇن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ يىغىنى چاقىرىلدى، يىغىندا مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ «شۈ سەيخوۋنىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش دېلوسى توغرىسىدىكى تەكشۈرۈش دوكلاتى» ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ھەمدە «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نىزامنامىسى»، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىنتىزام جازاسى نىزامى»دىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، شۈ سەيخوۋغا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىپ، ئۇنىڭ پارىخورلۇق جىنايىتىگە چېتىشلىق مەسىلىلىرى ھەمدە مەسىلە يىپ ئۇچىنى ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ھوقۇقلۇق ھەربىي ئىشلار تەپتىش ئورگىنىغا قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشقا ئۆتكۈزۈپ بېرىش قارار قىلىندى.

  2014 -يىل 3-ئاينىڭ 15-كۈنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە ئىنتىزام نىزامنامىسىگە ئاساسەن، شۈ سەيخوۋ چېتىشلىق ئىنتىزام مەسىلىلىرىگە قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. تەكشۈرۈلۈشىچە، شۈ سەيخوۋ خىزمەت قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ باشقىلارنىڭ ئەمىلىنىڭ ئۆسۈشىگە ياردەم قىلغان، بىۋاسىتە ۋە ئائىلىسىدىكىلەر ئارقىلىق پارا يېگەن؛ ۋەزىپىسىدىن پايدىلىنىپ باشقىلارنى مەنپەئەتلەندۈرگەن، ئائىلىسىدىكىلەر باشقىلارنىڭ مال-مۈلكىنى قوبۇل قىلغان، پارتىيە ئىنتىزامىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغان ھەمدە پارا يېيىش جىنايىتى ئۆتكۈزگەن، ئەھۋال ئېغىر، تەسىرى ئىنتايىن ناچار بولغان.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر