- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


چىگرا تەكشۈرۈش دىژرنىلىق ئىشلىرى ئىسلاھاتى يىغىنى يېقىندا ئېچىلدى
2014.07.01 14:24 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مەملىكەت بويىچە جامائەت خەۋىپسىزلىكى چىگرا مۇداپىئە قىسمىنىڭ چىگرا تەكشۈرۈش دىژرنىلىق ئىشلىرىنى ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش نەق مەيدان پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى يېقىندا ئېچىلدى. ئىگىلىنىشىچە، 2013-يىلىدىن بۇيان، مەملىكەت بويىچە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان چىگرا تەكشۈرۈش ئورگانلىرى دىژورنىلىق تەشكىلى قېلىپىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش، كەسىپلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ساقچى كۈچى يېتىشمەسلىك قىيىنچىلىقىنى تىرىشىپ ھەل قىلىپ، چىگرا تەكشۈرۈش، دىژورنىلىق قىلىشنى ئىسلاھ قىلىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشكەن.
بۇلتۇردىن بۇيان، مەملىكەت بويىچە 227 ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان چىگرا تەكشۈرۈش پونكىتى ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى دىژورنىلىق ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ مۇھىم ۋاستىسى قىلىپ، ساقچى كۈچىدە پەن-تېخنىكىغا تايىنىپ، چىگرا تەكشۈرۈش دىژورنىلىق ئىشلىرى ئونىۋېرسال قوماندانلىق قىلىش سېستىمىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەتقىق قىلىپ، ئېلىكتىرونلۇق كېنىشكا سىفېر بىخەتەرلىكى مۇلازىمېتىرىنى ئىشقا سېلىپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 110 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ئالدىنقى سەپكە ئەقلى ئىقتىدارلىق كېنىشكا تەكشۈرۈش، يازما ماتىرىيال، زەھەرلىك بۇيۇملارنى تەكشۈرۈش ئاپاراتى قاتارلىق ئىلغار تەكشۈرۈش ئەسۋاپلىرىنى سەپلەپ بېرىپ، ساقچى كۈچىنى ئازات قىلىپ، ئۈنۈمنى ئاشۇردى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر