- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنلىرىنى ئەستايىدىل ياخشى ئېچىشى كېرەك
2014.07.01 14:34 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
يېقىندا مەركىزىي كومىتېت پارتىيەنىڭ ئاممىۋىي لۇشيەن تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشكە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى « ئىككىنچى تۈركۈمدىكى پارتىيەنىڭ ئاممىۋىي لۇشيەن تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىدە ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى مەخسۇس تېمىلىق تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنى ئېچىش ۋە پارتىيە ئەزالىرىنى دىموكراتىك باھالاش خىزمىتىنى قانات يادۇرۇشقا ئائىت ئۇقتۇرۇش»نى بېىسپ تارقىتىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنلىرىنى جىددىي ۋە ئەستايىدىل ياخشى ئېچىپ، پارتىيە ئەزالىرىنى دىموكراتىك باھالاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرىنى پارتىيە تۇرمۇشى بويىچە بىر قېتىم چېنىقتۇرۇپ، ماركىسىزىملىق ئاممىۋىي قاراش ۋە پارتىيەنىڭ ئاممىۋىي لۇشيەن تەربىيەسى ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئۆگىنىشكە ئەستايىدىل تەشكىللەپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرىنى پارتىيە نىزامنامىسىنى يەنىمۇ ئۆگىنىشكە، مەركەزنىڭ پارتىيەنىڭ ئاممىۋىي لۇشيەن تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىشقا ئالاقىدار تەلەپلىرىنى ئۆگىنىش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئاممىۋىي لۇشيەن تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيتى توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم كۆرسەتمىلىرىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرىغا پارتىيە ئەزاسىنىڭ شەرتى ۋە ئۆلچىمىنى، مەخسۇس تېمىلىق تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنى ئېچىش ۋە پارتىيە ئەزالىرىنى دىموكراتىك باھالاپ چىقىشتىكى مەقسەت ۋە ئۇسۇلنى ئېنىق بىلدۈرۈپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتتە ئاڭلىق بولۇشنى ھەقىقىي كۈچەيتىش لازىم. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئىدىيىۋىي سىياسىي خىزمەتلەرنى چوڭقۇر ۋە ئىنچىكە ئىشلەپ، پارتىيە ئەزالىرىنى ئۆزلىرىدە ساقلانغان يېتەرسىزلىكلەرنى توغرا تونۇپ، ئامممىنىڭ پىكىرى، پارتىيە تەشكىلاتلىرى كۆرسەتكەن مەسىلىلەرگە توغرا قاراپ، ئاۋانگارت، نەمۇنىلىك رولىنى جارىي قىلدۇرۇش ئاڭلىقلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە يىتەكلىشى كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر