باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا،٪60كە يېقىن ئاتا-ئانا ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىلىق سوۋغات تەييارلاپتۇ، ئۇلار ئوقۇتقۇچىنىڭ سوۋغات بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن غۇم ساقلىشىدىن ئەنسىرەيدىكەن

2013.09.10 18:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۈگۈن دۆلىتىمىزنىڭ 29-قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى، «مائارىپتا پاك-دىيانەتلىك بولۇش، بايرامنى ئاددىي-ساددا ئۆتكۈزۈش» بۇ يىلقى بايرامنىڭ ئاساسىي تېمىسى بولدى. ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى ھارپىسىدا بېيجىڭدىكى نۇرغۇن ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى مەكتەپ ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ «سوۋغات قوبۇل قىلماسلىق» ئۇقتۇرۇشلىرىنى تاپشۇرۇۋالدى. نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار «سوۋغات بېرىش كېرەكمۇ-يوق» دېگەن مەسىلىدە تېڭىرقاپ قالدى.

  يېقىندا يېڭى بېيجىڭ گېزىتىنىڭ بېيجىڭدىكى 97 نەپەر ئاتا-ئانىنى ۋاراقلىق تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، بۇ يىلقى ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى مەزگىلىدە ٪60 كە يېقىن ئاتا-ئانا ۋە ئوقۇغۇچى يەنىلا سوۋغات تەييارلىغان، سوۋغات تەييارلىغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى يەسلى بالىلىرى ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ئىكەن. سوۋغاتلىققا ئۆزى ياسىغان ئاتكېرتكا، ئۆزى سىزغان رەسىم تەييارلىغانلارمۇ، نەچچە مىڭ يۈەنلىك مال سېتىۋېلىش كارتىسى، ماي كارتىسى تەييارلىغانلارمۇ بار ئىكەن. زىيارەتنى قوبۇل قىلغان ئاتا-ئانىلار ئىچىدە تەييارلىغان سوۋغىسى ئەڭ قىممەت بولغانلىرى 3000 يۈەنگە يېتىدىكەن.

  ئاتا-ئانىلار ئوقۇتقۇچىنىڭ سوۋغات بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن غۇم ساقلىشىدىن ئەنسىرەيدىكەن
  بېيجىڭ شەھەرلىك 101-ئوتتۇرا مەكتەپتىكى تولۇق 1-يىللىق ئوقۇغۇچىسىنىڭ دادىسى ۋاڭ ئەپەندى مۇنداق دېدى: «مەن ئوقۇتقۇچىغا سوۋغات بەرمەسلىكنى ئېنىق ئېيتتىم، بۇنداق ناچار ئەھۋالنى ئۇلغايتقۇم يوق ئىدى. لېكىن بالام ئۆزى يازغان ھۆسنخەتنى ئوقۇتقۇچىسىغا سوۋغا قىلىپ رەھمىتىنى بىلدۈرىمەن دەپ تۇرۇۋالدى.»

  زىيارەتنى قوبۇل قىلغان كۆپىنچە ئاتا-ئانىلار مۇنداق دەپ قارىدى: «ئوقۇتقۇچىنىڭ ئەجرىگە رەھمەت ئېيتىش بەرھەق، لېكىن بۇنىڭ سوۋغات بېرىشتىن باشقىمۇ ئۇسۇللىرى بار. سوۋغات بەرگەن تەقدىردىمۇ بالىلار ئۆز قولى بىلەن تەييارلىغان سوۋغات تېخىمۇ قىممەتلىك ۋە سەمىمىي بولىدۇ. ئاتا-ئانىلار رەھمىتىنى تېلېفون ياكى قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق بىلدۈرسىمۇ بولىۋېرىدۇ.»

  سوۋغات تەييارلىغان بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار ئۆز ئەندىشىلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «باشقىلار سوۋغات بېرىپ بىز بەرمىسەك، ئوقۇتقۇچى بالىمىزغا سول كۆزىدە قاراپ قالارمۇ؟ ئوقۇتقۇچى نېمە سوۋغا قىلغانلىقىمىزنى ئۇنتۇپ قالسا مەيلىكى، سوۋغات بەرمىگەنلىكىمىزدىن ئىچىدە غۇم ساقلاپ قالسا بولمايدۇ.»(جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : زۇلخۇمار تۇردى