باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىران پىرېزىدېنتى: ئىران يادرو ھوقۇقىدىن ھەرگىز ۋاز كەچمەيدۇ

2013.09.12 15:21         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن روھانى تۈنۈگۈن تېھراندا: يادرو ھوقۇقى ئىران خەلقىنىڭ مەھرۇم قىلىشقا بولمايدىغان ھوقۇقى، ئىران ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىدە كەينىگە بىر قەدەممۇ چېكىنمەيدۇ دېدى.

  ئىران مەخىر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، روھانى شۇ كۈنى ئىراننىڭ قىسمەن دىنىي ئەربابلىرىغا سۆز قىلغاندا يۇقىرىقىلارنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: غەربنىڭ جازاسى ئىراننى يادرو پىلانىدىن ۋاز كەچكۈزەلمەيدۇ، لېكىن ئىران ھۆكۈمىتى يادرو مەسىلىسىنى مۇۋاپىق ھەل قىلىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىران بىلەن ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى بويىچە ئالتە دۆلەت قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە ئىككى نۆۋەت سۆھبەتلەشتى. ئىككى تەرەپنىڭ ئوران قويۇلدۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەردە تۈپ ئىختىلاپى بولغاچقا، سۆھبەتتە ماھىيەتلىك ئىلگىرلەش بولمىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل