باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بان كىمون: 2015-يىلدىن كېيىن تەرەققىيات قارالمىسىنى بېكىتىشتە خەلقنىڭ ساداسىنى ئاڭلاش كېرەك

2013.09.12 15:22         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمون 10-سېنتەبىر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كەڭ ياشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن دۇنيادىكى خەلق 2015-يىلدىن كېيىنكى تەرەققىيات قارالمىسىنى بېكىتىش خىزمىتىگە قاتنىشىشنى ئارزۇ قىلماقتا، شۇڭا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى داۋاملىق ئاممىنىڭ ساداسىنى ئالاقىدار كېڭىشىش مۇساپىسىغا كىرگۈزىدۇ.

  بان كىمون مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە 2015-يىلدىن كېيىنكى تەرەققىيات قارالمىسىنى بېكىتىش خىزمىتى ئىشلەنمەكتە، بۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ چېكىدىن ئاشقان نامزاتلىقنى تۈگىتىش تىرىشچانلىقىنى قايتىدىن كېڭىشىشىگە ھەمدە ھەممە كىشىنى گۈللەنگەن، تىنچ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلغان، باراۋەر بولغان ۋە ھۆرمەتلىنىدىغان دۇنيادىن بەھرىمەن بولۇش پىلانى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پايدىلىق. شۇڭا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئۆتكەن بىر يىلدا «بىز ئېرىشمەكچى بولغان كەلگۈسى»دېگەن تېمىنى چۆرىدىگەن ھالدا بىر تۈرلۈك مىسلىسىز دۇنياۋى سۆزلىشىشنى باشلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل