باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خۇبېي: ھەربىي خىزمەتتىن چېكىنگەن ئەسكەرلەر مەمۇرلۇققا ئىمتىھان بەرسە ئوخشاش ئەھۋالدا ئالدىن قوبۇل قىلىنىدۇ

2013.09.12 15:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: يېقىندا «خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ھەربىي خىزمەتتىن چېكىنگەن ئەسكەرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش چارىسى» ئېلان قىلىنىپ، ھەربىي خىزمەتتىن چېكىنگەن ئەسكەرلەرگە ئالاقىدار قوبۇل قىلىش-ئۆتكۈزۈپ بېرىش، ئۆز ئالدىغا ئىشقا ئۇرۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش، مۇۋاپىق خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش، پېنسىيە ۋە بېقىلىش كاپالىتى، قانۇن جاۋابكارلىقى قاتارلىقلار نۇقتىلىق ھالدا ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  «چارە»دە ھەربىي خىزمەتتىن چېكىنگەن ئەسكەرلەرنىڭ مەمۇرلۇق ئىمتىھانىغا قاتنىشى، كەسپىي ئورۇنلار خىزمىتىگە تەكلىپ قىلىنىشى ھەققىدە مۇنداق بەلگىلىمە چىقىرىلدى: قىسىمدا ھەربىي خىزمەت ئۆتەش تارىخى ئاساسىي قاتلامدا ئىشلەش تارىخى قىلىپ ھېسابلىنىدۇ، ئوخشاش ئەھۋالدا ئالدىن قوبۇل قىلىش ياكى تەكلىپ قىلىش كېرەك، قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن قىسىمدا ھەربىي خىزمەت ئۆتەش تارىخى خىزمەت ئىستاژىغا قوشۇپ ھېسابلىنىدۇ. (نى گۇاڭخۈي، ما يەنگۈي، ساۋ يىڭخۇا خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل