باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا رۇسىيەنى خىمىيىلىك قورال لايىھىسىنى تېزدىن ئوتتۇرغا قويۇشقا ئۈندىدى

2013.09.12 15:26         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما شۇ يەر ۋاقتى 10-سېنتەبىر كەچتە تېلېۋىزىيەدە نۇتۇق سۆزلەپ: سۇرىيەنىڭ خىمىيىلىك قورال كرىزىسىنى دىپلوماتىيە يولى ئارقىلىق ھەل قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى، لېكىن ئۇ ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ساقلاپ، سۇرىيە ھۆكۈمىتىگە داۋاملىق بېسىم ئىشلىتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

  فرانسىيە پىرېزىدېنتى ھوللاندى بىلەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما 10-سېنتەبىر تېلېفونلىشىپ ، سۇرىيە مەسىلىسىدە يېقىندىن ھەمكارلىشىشنى قارار قىلدى، رۇسىيەنىڭ سۇرىيەنىڭ خىمىيىلىك قوراللارنى خەلقئارانىڭ نازارىتىگە قويۇش ھەققىدىكى تەكلىپىنىڭ مۇمكىنچىلىكىنى قاراپ چىقتى.

  كانادانىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى جون بېرىد 10-سېنتەبىر مۇنداق دېدى: كانادا سۇرىيە ھۆكۈمىتى ئىگە بولغان خىمىيىلىك قوراللارنى كۆيدۈرۈۋېتىشنى قوللايدۇ.

  ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابې شىنزۇ 10-سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن تېلېفوندا سۆھبەتلىشىپ، رۇسىيە ئوتتۇرغا قويغان سۇرىيەنىڭ خىمىيىلىك قورالنى خەلقئارا جەمئىيەت كونتروللۇقىغا تاپشۇرۇپ بېرىش تەكلىپىنى ئىجابىي تەكلىپ بوپتۇ دەپ ماختىدى ھەمدە بۇنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  سۇرىيەنىڭ زۇڭلىسى خارىج: سۇرىيە ھۆكۈمىتى رۇسىيەنىڭ خىمىيىلىك قوراللارغا ئالاقىدار تەكلىپىنى قوللايدۇ ھەمدە ئۇرۇش خېيىم خەتىرىنى تۈگىتىدىغان خەلقئارا سىياسىي تەشەببۇسلار ئارقىلىق سىرت بىلەن ھەمكارلىشىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل