باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئىجتىمائي خەۋەرلەر

ئېلىمىزدە ھەر يىلى 250 مىڭ ئادەم ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالىدىكەن

2013.09.12 14:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىل 10-سېنتەبىر 11-نۆۋەتلىك «دۇنيا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كۈنى»، بۇ يىللىق ئاساسىي تېما: خورلۇق: ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى توسالغۇ».

  دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتلىرى تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش نىسبىتى 100 مىڭدىن 145 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، يىلىغا تەخمىنەن 1 مىليۇن ئادەم ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالىدىكەن.

  ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، ئېلىمىزدا ھەر يىلى 250 مىڭ ئادەم ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالىدىكەن، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈش مەقستىگە يېتەلمىگەنلەر تەخمىنەن 2 مىليۇنغا يېتىدىكەن. ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ئېلىمىزدىكى بەش چوڭ ئۆلۈش سەۋەبلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

  ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. مۇخبىرنىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك سەھىيە ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بېيجىڭ خۇيلوڭگۇەن دوختۇرخانىسىدا بېيجىڭ پىسخىكا كرزىسىنى تەتقىق قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ئارىلىشىش مەركىزى قۇرۇلۇپ، 24 سائەتلىك پىسخىكىلىق ياردەم بېرىش قىزىق لىنىيەسى 800—810—1117 ۋە 82951332 تەسس قىلىنغان بولۇپ، شەھەر ئاھالىلىرىنى قىزىق لىنىيەلىك ھەقسىز پىسخىكىلىق ئارىلىشىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىكەن. ھازىرغىچە، بۇ مەركەز قوبۇل قىلغان قىزىق لىنىيەلىك تېلېفون 190 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خەۋىپى يۇقىرى بولغانلىرىغا 8 مىڭ ئادەم قېتىمدىن كۆپرەك ئارىلاشقان.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل