باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىن 31 نەپەر ئالىي دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى ‹‹داڭلىق ئوقۇتقۇچى››، ‹‹ئوقۇتۇش ماھىرى›› دېگەن شەرەپكە ئېرىشتى

2013.09.10 16:00         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە ، بىر نەچچە كۈن بۇرۇن ئاپتونوم رايونلۇق ئالىي مەكتەپلەردىكى داڭلىق ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇتۇش ماھىرلىرىنى باھالاش كومىتېتىنىڭ باھالىشى نەتىجىسىدە ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن بەي جيې ، شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىدىن مىجىت يۇنۇس قاتارلىق 11 نەپەر ئوقۇتقۇچى ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇتۇشىدىكى داڭلىق ئوقۇتقۇچى ›› شەرىپىگە ، شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ما جىنفېڭ قاتارلىق 20 نەپەر ئوقۇتقۇچى ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇتۇش ماھىرى ›› شەرىپىگە ئېرىشكەن .

  ئىگىلىنىشىچە ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالىي مەكتەپ مائارىپىدىكى داڭلىق ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇتۇش ماھىرىلىرىنى باھالاش ، تەقدىرلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىدىكى مەقسىتى ئالىي مائارىپ ئوقۇتۇشى ۋە ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش ساھەسىدە گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان ئوقۇتقۇچىلارنى تەقدىرلەش ئارقىلىق ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئىش ئورنىنى سۆيۈپ ، كەسپىنى قەدىرلەپ ، ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتىكى ئاكتىپچانلىقىنى قوزغاش ، شۇنداقلا ئالىي مائارىپ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇن قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەش ۋە مائارىپنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشتىن ئىبارەت ئىجتىمائىي ئېسىل خىسلەتنى يارىتىشقا تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت ئىكەن .

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر