- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
دۆلەت بايرىمىدا تيەنئەنمېن مەيدانىنى بېزەيدىغان گۈللەر ئازايتىلىدۇ
2013.09.11 16:31 مەنبە: خەلق تورى
خەلق گېزىتىنىڭ 10-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 64 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، ئۆكتەبىر بايرىمى مەزگىلىدە بېيجىڭ شەھىرى ئەنئەنە بويىچە تيەنئەنمېن مەيدانى ۋە چاڭئەن كوچىسىنى گۈل-گىياھ بىلەن بېزەيدۇ. ئەمما بۇ يىلقى مەيداننىڭ بېزەك ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى قىسقارتىلىدۇ، بېيجىڭ شەھىرىگە قاراشلىق ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا چوڭ گۈل تەكچىلىرى قويۇلمايدۇ، ھەم بايراملىق كەيپىيات يارىتىش ھەم ئىسراپچىلىق-ھەشەمەتچىلىكتىن ساقلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. چۈشەندۈرۈلىشىچە، بۇ يىل تيەنئەنمېن مەيدانىنىڭ ئوتتۇرىسىغا «قۇتلۇق بول ۋەتەن» ناملىق گۈل تەكچىسى تىزىلىدىكەن، مەيداننىڭ شەرقىي قىسمى ۋە تيەنئەنمېن مەيدانىنىڭ ئىككى يېنىدىكى يول بۆلىكىگە گۈل تىزىلمايدىكەن. (يۈي رۇڭخۇا خەۋىرى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل