باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئوباما: ئامېرىكا دۇنيا ساقچىسى ئەمەس

2013.09.12 15:14         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 10-سېنتەبىر كەچتە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما سۇرىيە ۋەزىيىتى توغرىسىدا پۈتۈن مەملىكەت بويىچە نۇتۇق سۆزلىگەن. ئوباما مۇنداق دېدى: ئامېرىكا دۇنيانىڭ ساقچىسى ئەمەس، بىراق ئۇ تولۇقلاپ مۇنداق دېدى: ھەربىي ئىشلار جەھەتتىن دەخلى قىلىش ئارقىلىق سۇرىيەدىكى ئۆسمۈر بالىلارنى خىمىيەلىك قورال ھۇجۇمىدىن ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ.

  ئوباما مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ ئاساد ھۆكۈمىتىنى قايتا خىمىيەلىك قورال ئىشلىتىشتىن توسۇش ئىقتىدارى بار، باشقا ئەل رەھبەرلىرىمۇ مۇشۇنداق قورال ئىشلەتكەندىن كېيىنكى ئاقىۋەتنى ئېنىق كۆردى، شۇڭا ئوبدان ئويلىشىپ ئىش قىلىشى كېرەك.

  ئوباما مۇنداق دېدى: سۈرەت ۋە سىن لېنتىلىرىدىن، سۇرىيەلىك ئۆسمۈر بالىلارنىڭ ئازابلىرى، ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ، مانا مۇشۇ ئىش ئامېرىكىدىن ھەرىكەت قوللىنىشنى تەلەپ قىلماقتا، سۇرىيەگە ھەربىي زەربە بېرىش سۇرىيە ۋە ئامېرىكىدىكى بالىلارنى تېخىمۇ بىخەتەر قىلىش ئۈچۈن. بىراق ئوباما مۇنۇلارنى ئېتىراپ قىلدى، ئامېرىكا ھەممە خاتالىقنى تۈزىتىپ بولالىشى ناتايىن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل