- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


پۇتىن ئامېرىكىنىڭ سۇرىيەگە قورال ئىشلىتىشتىن ۋاز كېچىشىنى مۇراجىئەت قىلدى
2013.09.12 15:25 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن تۈنۈگۈن ھۆكۈمەت تەرەپ تور بېكىتىدە بايانات ئېلان قىلىپ، سۇرىيەنىڭ رۇسىيەنىڭ خىمىيىلىك قورال نازارىتىنى قوبۇل قىلىش ھەمدە ئارقىدىن ئۇنى يوقىتىشقا قوشۇلۇشىنى ئۈمىد قىلدى شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئامېرىكىنىڭ سۇرىيەگە قورال ئىشلىتىشتىن ۋاز كېچىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.
پۇتىن باياناتىدا مۇنداق دېدى: مەن شېرىكىمىز سۇرىيەنىڭ مەسئۇلىيەتچان قارار چىقىرىشىنى، خىمىيىلىك قوراللىرىنى نازارەت قىلىشقا تاپشۇرۇپلا قالماستىن، ئۇلارنى يوقىتىشقا قوشۇلۇشى ھەمدە «خىمىيىلىك قوراللارنى چەكلەش ئەھدىنامىسى»غا قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇلارنىڭ ھەممىسى سۇرىيە كرىزىسىنى تىنچ يول ئارقىلىق ھەل قىلىشتىكى توغرا بىر قەدەم.
يەنە بىر تەرەپتىن پۇتىن مۇنداق دەپ قارىدى: ئامېرىكىلا قورال ئىشلىتىشتىن ۋاز كەچسە، سۇرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تەدبىرىنىڭ ئاندىن ئەھمىيىتى بولىدۇ. پۇتىن مۇنداق دېدى: رۇسىيە سۇرىيە ۋە ئامېرىكا دائىرىلىرىغا خىزمەت ئىشلەيدۇ. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ يېقىندا سانت پېتىربۇرگتا ئۆتكۈزۈلگەن 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلىرى يىغىنىدا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما بىلەن سۇرىيەنىڭ خىمىيىلىك قورالغا ئالاقىدار مەسىلە ھەققىدە مۇنازىرىلەشكەنلىكىنى تىلغا ئالدى، لېكىن ئۇ سۆھبەتنىڭ كونكرېت مەزمۇنىنى ئاشكارىلىمىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل