- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


تەيۋەن «قانۇن چىقىرىش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى» ۋاڭ جىنپىڭ گومىنداڭ پارتىيەسىدىن قوغلاپ چىقىرىلدى
2013.09.12 15:04 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-سېنتەبىر تەيبېيدىن بەرگەن خەۋىرى: جۇڭگو گومىنداڭ پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بۈگۈن چۈشتىن كېيىن ئىككى سائەتتىن ئارتۇق كېڭىشىش ئارقىلىق، تەيۋەن «قانۇن چىقىرىش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى» ۋاڭ جىنپىڭنىڭ ئەدلىيەگە چات كېرىۋېلىش سەتچىلىكى توغرىسىدا قارار چىقىرىپ، ۋاڭ جىنپىڭنى گومىنداڭ پارتىيەسىدىن قوغلاپ چىقاردى.
ئىگىلىشىمىزچە، ۋاڭ جىنپىڭ گومىنداڭ پارتىيەسىدىن قوغلاپ چىقىرىلغاندىن كېيىن رايون ھالقىغان «قانۇن چىقىرىش مەھكىمىسى ئەزاسى»لىق سالاھىيىتىدىن مەھرۇم بولىدىكەن، «قانۇن چىقىرىش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى»لىق ۋەزىپىسىنىمۇ ئۆتۈيەلمەيدىكەن. (ۋۇ يامىڭ، ۋاڭ پىڭ خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل