باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ: مائارىپ ئادىللىقىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، مائارىپنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرەيلى(1)

2013.09.10 18:04   مەنبە: خەلق تورى

لى كېچياڭ: مائارىپ ئادىللىقىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، مائارىپنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرەيلى(1)

  شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 10-سېنتەبىر داليەندىن بەرگەن خەۋىرى: 9-چېسلا چۈشتىن بۇرۇن، 29-قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى ھارپىسىدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ داليەندە خىزمەت تەكشۈردى، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى يوقلىدى ۋە ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  داليەن شەھەرلىك 20-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ھويلىسى تىمتاسلىققا چۆمگەنىدى. لى كېچياڭ ئوقۇغۇچىلار دەرس ئاڭلاۋاتقان سىنىپقا كىرگىنىدە، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ئۇنى ئورۇۋېلىشتى. لى كېچياڭ: "ئوقۇتقۇچىلىق دۇنيادىكى ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر كەسىپ، ئوقۇتقۇچىلار ئۆزى شامدەك كۆيۈش ئارقىلىق باشقىلارغا يورۇقلۇق ئاتا قىلىدۇ، دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە ئۈمىد بېغىشلايدۇ، ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەش، مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىش ‐‐جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىكى ۋە تەرەققىياتىنىڭ بەلگىسى» دېدى. 20-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ شىنجاڭ سىنىپىنى تەسىس قىلغان تۇنجى تۈركۈمدىكى مەكتەپ ئىكەنلىكىنى ئۇققاندىن كېيىن، لى كېچياڭ خۇشال ھالدا يېنىدىكى ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچىلىرىغا: «بۇ بالىلار يۇرتىدىن ئايرىلىپ بۇ يەردە ئوقۇۋاتىدۇ، سىلەر ئۇلارنىڭ بىلىم بېرىدىغان ئۇستازى، تۇرمۇشىغا غەمخورلۇق قىلىدىغان ئاتا-ئانىسى، سىلەر غەربىي رايونلارنىڭ مائارىپىغا ياردەم بېرىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ جانلىق ئىسپاتى» دېدى. ئۇ مەكتەپنى شىنجاڭ سىنىپىنى داڭلىق ماركا قىلىپ چىقىشقا، تەجرىبە توپلاشقا، مائارىپ بايلىقى مولراق دېڭىز بويى رايونلىرى ۋە شەرقىي رايونلارنى ئوتتۇرا، غەربىي رايونلارغا تېخىمۇ كۆپ ياردەم بېرىشكە ئىلھاملاندۇردى.(چېن ئېرخوۋ، خاۋ يالىن خەۋىرى،جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
مەسئۇل مۇھەررىر : زۇلخۇمار تۇردى

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز