خەلق تورىنىڭ 10-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نۇرىمانگۈل مەمەت ئاچا-سىڭىل ئىككىسى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ پوسكام ناھىيەسى يەكسۇ يېزىسى يېڭى بازار كەنتىدە تۇغۇلغان، نۇرىمانگۈل 19 ياش، سىڭلىسى نۇربىيەم 18 ياش. نۇرىمانگۈل 3 ياش ۋاقتىدا ئاغرىپ قېلىپ، ئوكۇل ئۇرغانلىقى سەۋەبىدىن ئىككى پۇتى يۈرۈش ئىقتىدارىدىن قالغان، 7 ياش چېغىدىن باشلاپ سىڭلىسى ھەدىسىنى ئۆيىدىن چاقلىق ئورۇندۇقتا مەكتەپكە ئىتتىرىپ ئاپىرىپ، بىر قەدەم بىر قەدەمدىن سىنىپقا يۈدۈپ ئەكىرگەن، 11 يىلدىن كېيىن ھەدە-سىڭىل ئىككىسى شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پۇل مۇئامىلە كەسپىگە بىرلىكتە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتكەن.
ھەدە-سىڭىل ئىككىسىنىڭ بوي ئېگىزلىكى ئوخشاشلا 1مېتىر 55 سانتىمېتىر، سىڭلىسىنىڭ ئېغىرلىقى 43 كىلوگرام بولسىمۇ، لېكىن قارىماققا كۈچلۈك كۆرۈنىدۇ. ساۋاقداشلىرى قىزىقارلىق قىلىپ «ئوغۇلخان» دەپ ئاتىۋالغان بۇ قىزچاق سەل ئۆزىنى رۇسلىۋېلىپ، تىك تۇرۇپ، ھەدىسىنى دەسسىدە يۈدىۋالدى.