بۇ 9-سېنتەبىر سومالى پايتەختى مۇقدىشودا سۈرەتكە تارتىلغان مۇقدىشو تەنتەربىيە مەيدانى. (شىنخۇا ئاگنېلتىقى مۇخبىرى لى جىڭ فوتوسى)
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىردا، جۇڭگو سومالىغا ياردەم قىلىپ دۆلەت تىياتىرخانىسى، باننادىر دوختۇرخانىسى ۋە مۇقدىشو تەنتەربىيە سارىيى قاتارلىق نۇرغۇنلىغان مۇھىم ئۇل ئەسلىھەلەرنى سېلىپ بەردى. بۇ تۈرلەر سومالىلىقلارغا جۇڭگولۇقلارنى تونۇتتى. 1991-يىلى سومالى ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقىغا پاتقاندىن كېيىن، مۇقدىشودىكى نۇرغۇنلىغان قۇرۇلۇشلار تۈگىشىپ بولدى. بىراق بۇ بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشلار يەنىلا سومالى مۇقدىشودا قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا. باننادىر دوختۇرخانىسى نۆۋەتتە مۇقدىشودا ئارانلا ساقلىنىپ قېلىپ ئىشلىنىۋاتقان ئىككى دوختۇرخانىنىڭ بىرى. تەنتەربىيە مەيدانى ۋە تىياتىرخانىنىڭ قاتتىق ئەسلىھەلىرى ئۇرۇش ئوتلىرىدا ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى.