باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مائارىپ

ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ دوستلىقى

تۇرسۇنگۈل مىجىت

2013.09.11 15:33         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئوقۇغۇچىنى ياخشى چۈشىنىش ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ياخشىلاپلا قالماستىن، تەلىم – تەربىيە خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىنىڭ ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇتقۇچى تەربىيەلىگۈچى بولۇش سالاھىيىتى بىلەن ئائىلە باشلىقلىرى بىلەن ئاكتىپ ئۇچرىشىپ، ئۇلارنى دوست تۇتۇپ،ئۇلار بىلەن سىردىشىپ تۇرۇشى زۆرۈر.

  ئائىلە باشلىقلىرىنى ھۆرمەتلەش، ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ئۆگىنىشمۇ ئوقۇتقىچىلارنىڭ ئائىلە باشلىقلىرى بىلەن دوستانە مۇناسىۋەت ئورنىتىشتىكى ياخشى ئۇسۇل . ھازىر ياش ئوقۇتقۇچىلار بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ، ئۇلار جۇشقۇن، كۆتۈرەڭگۈ بولسىمۇ، لېكىن خىزمەت تەجرىبىسى كەمچىل. شۇڭا ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى قوبۇل قىلىپ، تۇرمۇش تەجرىبىسى توپلاپ، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە سەل قارايدۇ . بەزى ئاتا – ئانىلار بالىلارنى مۇلايىم، ئەدەپلىك قىلىپ تەربىيەلەيدۇ، بەزىلەر بالىلىرىنى ئەركىنلىكىنى خالايدىغان قىلىپ تەربىيەلەيدۇ. يەنە بەزىلەر بالىلىرىنى باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان قىلىپ تەربىيەلەيدۇ. ھەر بىر ئائىلە باشلىقىنىڭ يۇقارقىدەك ئارتۇقچىلىقىنى ئۆگىنىشنىڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمىتىگە پايدىسى كۆپ.

  بالا مەكتەپكە كىرگەندىن باشلاپ، ئوقۇتقۇچى بىلەن ئائىلە باشلىقىنىڭ تەقدىرى بىر – بىرسىگە باغلانغان بولىدۇ. ئەگەر ئوقۇتقۇچى ئائىلە زىيارىتى، تېلېفون ئالاقىسى، تور قاتارلىق ۋاسىتىلەر بىلەن بالىنىڭ ئىلگىرىلىشى، ئۆسۈپ يېتىلىشى، نەتىجىسى قاتارلىقلارنى دوكلات قىلىپ، ئائىلە ئەھۋالىنى ئىگىلەپ تۇرسا، ئاتا – ئانىلارنى خاتىرجەم قىلالايدۇ ۋە ئىشەنچىسىگە ئېرىشەلەيدۇ. ئوقۇتقۇچى بىلەن ئائىلە باشلىقلىرى ئارىسىدا ئۇششاق نىزا پەيدا بولغاندا بەزى ئوقۇتقۇچىلار مەسىلىدىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ. ئەمەلىيەتتە، مەسىلىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ھەل قىلىش تېخىمۇ تەس بولغان مەسىلىلەرنى پەيدا قىلىدۇ. بۇنداق چاغدا ئوقۇتقۇچىلار زىددىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرماسلىقى، توغرا ئۇسۇل بىلەن ئائىلە باشلىقلىرىنى يېتەكلىشى، ئائىلە باشلىقلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئوخشاش پىكىردە بىرلىككە كېلىپ، ئوخشىمىغان پىكىرنى ساقلاپ قېلىش ئاساسىدا ئائىلە باشلىقلىرىنى يېتەكلەپ، ئۇلاردا توغرا ئىدىيە تۇرغۇزۇشى، ھەرگىزمۇ قارشىلاشماسلىق، مەسىلىنى سوغۇققانلىق بىلەن ھەل قىلىش، بىر تەرەپلىمە يەكۈن چىقارماسلىقى، قارشى تەرەپنىڭمۇ چوقۇم چۈشىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر