باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئاتىسى جەڭگە قاتناشقان، قىزى تەزىيەگە كەلدى، پاك گيۇنخاي ۋيېتنامدا زىيارەتتە بولۇپ بۇرۇنقى دۈشمەنلىكنى تۈگەتتى

2013.09.11 16:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «ئاتىسى جەڭگە قاتناشقان، قىزى تەزىيەگە كەلدى»، بۇ كورېيە «كورېيانلار گېزىتى»نىڭ 10-چېسلادىكى زۇڭتۇڭ پاك گيۇنخاينىڭ ۋيېتنامنى زىيارەت قىلىشى توغرىسىدىكى خەۋىرىنىڭ تېمىسى. «خەلقئارالىق مۇناسىۋەتتە مەڭگۈلۈك دۈشمەن يوق» دېگەن گەپ كورېيە-ۋيېتنامنى مۇناسىۋىتىدە تولۇق ئىسپاتلاندى.

  كورېيە زۇڭتۇڭى پاك گيۇنخاي يېقىندا 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلىرىنىڭ ئۇچرىشىشىدىن كېيىن، ۋيېتنامدا 5 كۈنلۈك دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇپ، 11-چېسلا كورېيەگە قايتىپ كەلدى.

  تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغان بىر يېرى شۇكى، باشلىقلار يىغىنىدىن بۇرۇن، پاك گيۇنخاي ۋيېتنامنىڭ دۆلەت ئاتىسى خۇ جىمىڭنىڭ قەبرىسىنى تاۋاپ قىلدى ۋە گۈل سوۋغا قىلدى، ئارقىدىن خۇ جىمىڭنىڭ تۇرالغۇسىنى كۆرگىلى باردى. بۇ ئىشلار كورېيە تاراتقۇلىرىدا چوڭ سىمۋوللۇق مەنىگە ئىگە ئىش دەپ چۈشەندۈرۈلگەن بولۇپ، كورېيەنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ تارىختىكى «تۈگۈن»لىرىنى يېشىپ، كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن يېڭى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بەردى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل