8-سىنتەبىر، بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئالاھىدە مائارىپ كەسپىنىڭ ماگىستېر ئاسپرانتلىقىغا ئىمتاھان بېرىپ ئۆتكەن «ئەڭ گۈزەل مۇئەللىمە» جاڭ لىلى مەكتەپكە كېلىپ تىزىمغا ئالدۇرۇپ، ئۆزىنىڭ بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇش سەپىرىنى باشلىدى.
خېيلوڭجياڭ ئۆلكىسى جامۇس شەھەرلىك 19-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى جاڭ لىلى 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنىدىكى بىر قېتىملىق قاتناش ھادىسىسىدە، ئوقۇغۇچىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئېغىر يارىلىنىپ، ئىككى پۇتى كېسىۋېتىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئىش-ئىزلىرى نۇرغۇن كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرگەنلىكتىن، كىشىلەر ئۇنى «ئەڭ گۈزەل مۇئەللىمە» دەپ ئاتىغانىدى.