- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
كورېيەنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى جېن دوخان خەلقتىن كەچۈرۈم سوراپ، 16 يىللىق جەرىمانىنى تولۇق قايتۇردى
2013.09.11 18:06 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورىنىڭ 11-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كورېيەنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى جېن دوخان (82 ياش) جەمەتى 10 سېنتەبىر 16 يىل سۆرەپ كەلگەن 167مىليارد 200مىليون ۋون (خەلق پۇلىدا تەخمىنەن 944مىليون يۈەن ) جەرىمانىنى تولۇق قايتۇرىدىغانلىقى ھەم خەلقتىن كەچۈرۈم سورايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
1997-يىلى 4-ئايدا ئىلگىرى 8 يىل زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن جېن دوخان سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش، خىيانەتچىلىك قىلىش سەۋەبىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ھەم 220 مىليارد 500مىليون ۋون جەرىمانە قويۇلغان. كېيىن جېن دوخان چوڭ كەچۈرۈم قىلىنغان بولسىمۇ،لېكىن جەرىمانە ھېلىھەم كۈچكە ئىگە.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : زۇلخۇمار تۇردى