باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

توماس باك خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ 9-نۆۋەتلىك رەئىسلىكىگە سايلاندى

2013.09.11 16:38        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق گېزىتىنىڭ 10-سېنتەبىر بوينىس ئايرىستىن بەرگەن خەۋىرى:(ئارگىنتىنا ۋاقتى) 10-چېسلا چۈشتە ئارگېنتىنانىڭ بوينىس ئايرىس شەھىرىدە ئېچىلىۋاتقان خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ 125-قېتىملىق يىغىنىدا گېرمانىيەلىك توماس باك خەلقئارا ئولىپمىك ھەيئىتىنىڭ 9-نۆۋەتلىك رەئىسلىكىگە سايلاندى.

  توماس باك 59 ياش، ياش ۋاقتىدا قېلىچۋازلىق تەنھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللنىپ ئولىمىپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدالغا ۋە خەلقئارا لەۋھە تاللىشىش مۇسابىقىسىدە چىمپىيونلىققا ئېرىشكەن. 1991-يىلى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان، 1996-يىلى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئىجرائىيە ئىجرائىي ئەزالىقى ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن، 2000-يىلىدىن 2004-يىلىغىچە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ 1-قېتىملىق ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2006-يىلى يەنە مۇئاۋىن رەئىس بولۇپ سايلانغان، خەلقئارا ئولىپمىك كومىتېتىنىڭ خىزمىتىگە ئىنتايىن پىششىق.



  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل