باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنىستىرىمىز ۋاڭ يى تەكلىپكە بىنائەن ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى بىلەن تېلېفونلاشتى

2013.09.09 16:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 8-سېنتەبىر خەۋىرى: دىپلوماتىيە مىنىستىرىمىز ۋاڭ يى 8-چېسلا تاشكەنتتە تەكلىپكە بىنائەن ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى بىلەن تېلېفونلاشتى.

  ئىككى تەرەپ سۈرىيە مەسىلىسى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردى. ۋاڭ يى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئاساسىي مزىانىنى قوغداش ۋە ھەرقانداق خىمىيەلىك قورال ئىشلىتىشكە قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت ئىككى پىرىنسىپتا قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى رامكىسى ئىچىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، مۇۋاپىق ھەل قىلىش لازىم، ئەكسىچە يول تۇتۇشقا بولمايدۇ. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ب د ت خەۋسىزلىك كېڭىشىگە ئەزا دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن «ب د ت نىزامنامىسى»نىڭ ئاساسىي مەقسىتىنى باشلامچىلىق بىلەن قوغداپ، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ خەلقئارا تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكنى قوغداش جەھەتتىكى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشى لازىم.

  ۋاڭ يى جۇڭگونىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتتە قورال ئىشلىتىشكە قارشى تۇرۇشتەك پىرىنسىپال مەيدانىنى تەكىتلىدى، ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ ھەرىكەت قوللانغاندا ئېھتىياتچان بولۇشىنى ۋە ئويلىشىپ ئىش كۆرۈشىنى تەشەببۇس قىلدى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر