خەلق تورىنىڭ 10-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9-ئاينىڭ9-كۈنى، ئۆزبېكىستانلىق داڭلىق كىيىم لاھىيەلىگۈچى ئېلىننا.رادىك ئۈرۈمچىدە كۇرسلۇق كىيىم-كېچەكلىرىنى نامايان قىلدى. بۇ قېتىم نامايان قىلىنغان كۇرسلۇق كىيىم-كېچەكلىرىنىڭ رەڭلىرى ناھايىتى مول بولغان. بۇ پائالىيەت ئۆتكۈزۈلىۋاتقان 2-نۆۋەتلىك ئاسىيا-ياۋروپا يىپەك يولى كىيىم-كېچەك بايرىمى يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.