بۈگۈن چۈشتىن كېيىن سائەت 5 تە، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ داليەن خەلقئارا يىغىن مەركىزىنىڭ 3-قەۋىتىدىكى مەجلىسخانىغا دەل ۋاقتىدا يېتىپ كېلىپ، 7-قېتىملىق يازلىق داۋوس مۇنبىرىگە قاتناشقان كارخانىچىلار ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى. كارخانىچىلار سۆھبەت يىغىنى ھەر قېتىملىق يازلىق داۋوس مۇنبىرىدە ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن بۇ قېتىمقىسى ئالاھىدىرەك، چۈنكى بىرىنچىدىن، لى كېچياڭ داۋوس مۇنبىرىگە تۇنجى قېتىم زۇڭلىلىق سالاھىيىتى بىلەن قاتناشتى، ئىككىنچىدىن، بۇ قېتىمقى سۆھبەتنىڭ يېزىق شەكلىدە نەق مەيداندىن بىۋاسىتە تارقىتىلىشىمۇ ئىلگىرى بولۇپ باقمىغان ئىش، زۇڭلى بىلەن كارخانىچىلارنىڭ سوئال-جاۋابلىرى تولۇق تېكىستى بىلەن ئۇدۇللۇق تورغا يوللاندى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى