باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئوباما سۈرىيەگە زەربە بېرىشتە «ئەخلاقىي پەزىلەت غەملەش»ئۈچۈن ئەتە نۇتۇق سۆزلەيدۇ

2013.09.10 18:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارلامېنت ئەزالىرى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوتتۇرىغا قويغان سۈرىيەگە ھەربىي زەربە بېرىش تەكلىپى توغرىسىدا مۇنازىرىلەشتى، لېكىن قاچان ئاۋازغا قويىدىغانلىقى تېخى بېكىتىلمىدى.

  ئامېرىكا پارلامېنتى بىر ئايلىق يازلىق دەم ئېلىشتىن كېيىن بۇ ھەپتە ئىشقا چۈشتى. ئامېرىكا شەرقىي قىسىم ۋاقتى 9-سېنتەبىردىن باشلاپ ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى بىلەن كېڭەش پالاتاسى ئەزالىرى زۇڭتۇڭ ئوباماغا سۈرىيەگە ھەربىي زەربە بېرىش ھوقۇقى بېرىش تەكلىپى توغرىسىدا مۇنازىرىلەشتى ۋە كەلگۈسىدىكى مەلۇم بىر ۋاقىتتا ئاۋازغا قويۇشنى ماقۇل تاپتى. ئەتە سائەت 21 دە، (بېيجىڭ ۋاقتى 11-سېنتەبىر سائەت 10دا) زۇڭتۇڭ ئوباما خەلقنىڭ سۈرىيەگە ھەربىي زەربە بېرىش تەكلىپىنى قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش نىيىتىدە پۈتۈن مەملىكەتكە نۇتۇق سۆزلەيدۇ.

  ئوباما تاراتقۇلاردىن داۋاملىق پايدىلانماقچى

  ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، كېڭەش پالاتاسىدا كۆپ سانلىق ئورۇننى ئىگىلىگەن پارتىيەنىڭ رەھبىرى، دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى ھاررى رېيد تەرتىپلىك تەدبىر قوللىنىپ، كېڭەش پالاتا ئەزالىرىنىڭ قۇرۇق گەپ ساتىدىغان ئۇزۇن نۇتۇقلىرى ئارقىلىق كېڭەش پالاتاسىنىڭ سۈرىيەگە ھەربىي زەربە بېرىش تەكلىپى توغرىسىدا بېلەت تاشلاپ قارار چىقىرىشىغا توسقۇنلۇق قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالماقچى ئىكەن. كېنتۇكى ئىشتاتىلىق فېدېراتسىيە كېڭەش پالاتا ئەزاسى، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى راند پاۋول بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا، قۇرۇق گەپ ساتىدىغان ئۇزۇن نۇتۇق سۆزلەپ، كېڭەش پالاتاسىنىڭ جون بۇراننىڭ مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلىنىشىنى ماقۇللۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىش ئارقىلىق، ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ ئادەمسىز ئايروپىلان سىياسىتىگە قارشى تۇرغانىدى. راند پاۋول «فوكۇس خەۋەلىرى»نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا قورال ئىشلتىش تەكلىپىنى قانداق توسۇش مەسىلىسىدە ئۆزىنىڭ تۇتقان يولىنى دەڭسەپ باقىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

  نۆۋەتتە، ئوباما ئامېرىكىدىكى ئاساسلىق تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرى ۋە سىملىق خەۋەر تور بېكەتلىرىنىڭ زىيارىتىنى ئارقا-ئارقىدىن قوبۇل قىلىپ، خەلققە سۈرىيەگە ھەربىي زەربە بېرىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى چۈشەندۈرمەكتە.

  ئامېرىكا شەرقىي قىسىم ۋاقتى 10-سېنتەبىر ئوباما پارلامېنت بىناسىغا بېرىپ دېموكراتلار پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى. شۇ كۈنى كەچتە سائەت 9دا (بېيجىڭ ۋاقتى 11-سېنتەبىر سائەت 10دا)، ئوباما خەلقنىڭ سۈرىيەگە ھەربىي زەربە بېرىش تەكلىپىنى قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش نىيىتىدە پۈتۈن مەملىكەتكە نۇتۇق سۆزلەيدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : زۇلخۇمار تۇردى