باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو-چەت ئەل ھەمكارلىقىدىكى ئوقۇتۇش ئاپپاراتلىرى ۋە تۈرى ئىككى مىڭغا يېقىنلاشتى، چېگرادىن چىقمايمۇ «چەت ئەلدە ئوقۇغىلى» بولىدىغان بولدى

2013.09.09 16:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  9-ئاينىڭ 5-كۈنى مائارىپ مىنىستىرلىقى ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا شاڭخەي نيۇيورك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى يۈ لىجۇڭ مۇنداق دېدى: «مەكتىپىمىز تۇنجى قاراردا چوڭ قۇرۇقلۇقتىن 150 ئوقۇغۇچى، چەت ئەلدىن 145 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلدى.»

  شاڭخەي نيۇيورك ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇلۇشتىن بۇرۇنمۇجۇڭگو چەت-ئەل ھەمكارلىقىدىكى مەكتەپلەر ئاللىبۇرۇن قۇرۇلغانىدى. مائارىپ مىنىستىرلىقى خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە ئالاقە مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شېڭ جيەنشۆ مۇنداق دېدى: «ھازىرغا قەدەر، مەملىكىتىمىزدە 1979 جۇڭگو-چەت ئەل ھەمكارلىقىدىكى ئوقۇتۇش ئاپپاراتى ۋە تۈرى قۇرۇلدى. بۇنىڭ ئىچىدە 930 ئوقۇتۇش ئاپپاراتى ۋە تۈرىنى مائارىپ مىنىستىرلىقى تەستىقلىغان ۋە تەكشۈرۈپ ماقۇللىغان، 1049 ئوقۇتۇش ئاپپاراتى ۋە تۈرىنى ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى تەستىقلاپ مائارىپ مىنىستىرلىقىغا يوللاپ ئەنگە ئالدۇرغان.» (جاۋ شياۋشيا خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل