- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ مەدەنىيەت ئىجادىيىتى يەرمەنكىسى 14-سىنتەبىر خەلقئارا يەرمەنكە يىغىن مەركىزىدە باشلىنىدۇ
2013.09.12 17:13 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-سىنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەلقئارا ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئائىلىۋىي تاماشا ماركىسى ـــ خۇاتې دىسنىي مەلىكە شىنجاڭغا كەلمەكچى! يەرشارى كارتونچىلىقىدىكى گېگانت ـــ مەنۋېي كارتون يېشىل گىگانت ئادەم، ئۆمۈچۈك پالۋان، پولات پالۋان قاتارلىقلار شىنجاڭغا كەلمەكچى! 2014-يىل ئوتتۇرىغا چىقىرىلىدىغان 4 نۇسخا ماشىنا ئادەمنىڭ ئىچىدىكى 3 نۇسخىسىنىڭ يەرشارىدىكى تۇنجى كۆرسىتىلىشىمۇ شىنجاڭدا بولىدۇ. يەنە تېخى شاكىلات چۈش زاۋۇتىغا بېرىپ ئۆز قولىڭىز بىلەن شاكىلات ياسىيالايسىز... بۇلار پەقەت يېقىندا ئېچىلىدىغان تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ مەدەنىيەت ئىجادىيىتى يەرمەنكىسىدىكى قىسمەن مەزمۇنلار.
10-سىنتەبىر چۈشتىن كېيىن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتىدە ئېچىلغان شىنجاڭ مەدەنىيەت ئىجادىيىتى يەرمەنكىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ مەدەنىيەت ئىجادىيىتى يەرمەنكىسى 14-سىنتەبىر ئېچىلىپ، 20-ئۆكتەبىر ئاياقلىشىدىكەن. ئاپتونوم رايون سىرتىدىن 137 مەدەنىيەت ئېگىلىك تىكلەش كارخانىسى، شىنجاڭدىكى 7 ۋىلايەت-ئوبلاستتىن 50 نەچچە مەدەنىيەت ئىجادىيەت كارخانىسى 37 كۈنلۈك يەرمەنكىگە قاتنىشىدىكەن.
بۇ بەتنى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان