باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۈگۈن دۆلەت بايرىمىنىڭ تۇنجى كۈنىدىكى پويىز بېلىتى سېتىلىشقا باشلايدۇ، يانفوندا بېلەت سېتىۋېلىش كەسپى تېخى ئىشقا ئاشمىدى

2013.09.12 15:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل دۆلەت بايرىمىدا 1-ئۆكتەبىردىن 7-ئۆكتەبىرگىچە دەم ئېلىشقا قويۇۋېتىلىدۇ. توردا ۋە تېلېفوندا بېلەت 20 كۈن سېتىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، بۈگۈن يولۇچىلار تور ۋە تېلېفون ئارقىلىق 1-ئۆكتەبىردىكى پويىز بېلىتىنى سېتىۋالالايدۇ. تۆمۈريول تارماقلىرى بۇلتۇر 9-ئايدا يانفوندا بېلەت سېتىۋېلىش كەسپىنى يولغا قويىدىغانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ تېخىچە ئەمەلىيلەشمىدى.

  نۆۋەتتە 12306 تور بېكىتى ۋە 95105105 تېلېفونى ئارقىلىق 20 كۈن ئىچىدىكى بېلەتنى زاكاس قىلىپ سېتىۋېلىشقا بولىدۇ، ۋوگزالنىڭ بېلەت سېتىش كۆزنىكى ۋە ۋاكالىتەن بېلەت سېتىش ئورۇنلىرىدا 18 كۈن ئىچىدىكى پويىز بېلىتىنى سېتىۋېلىشقا بولىدۇ. شۇ بويىچە ھېسابلىغاندا، يولۇچىلار بۈگۈن تور ۋە تېلېفون ئارقىلىق دۆلەت بايرىمىنىڭ 1-كۈنىدىكى بېلەتنى سېتىۋالالايدۇ، ۋوگزالنىڭ بېلەت سېتىش كۆزنىكى ۋە ۋاكالىتەن بېلەت سېتىش ئورۇنلىرىدا 1-ئۆكتەبىرنىڭ بېلىتىنى سېتىش 9-ئاينىڭ 14-كۈنى باشلىنىدۇ. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل