باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

گوۋۇيۈەن 76 باھالاش تۈرىنى ئەمەلدىن قالدۇردى

2013.09.12 15:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: جۇڭگو ھۆكۈمەت تورى 11-چېسلا گوۋۇيۈەننىڭ 76 باھالاش، تەقدىرلەش تۈرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرىسىدىكى قارارىنى ئېلان قىلدى.بۇ قېتىم ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان 76 تۈرلۈك باھالاش، تەقدىرلەش تۈرى ئاساسلىقى تۆتكە بۆلىنىدۇ: بىرىنچى،«مەملىكەتلىك مائارىپ تېخنىكا ئۈسكۈنىلىرى ۋە تەجرىبە ئوقۇتۇشى ھەققىدىكىمۇنەۋۋەر ماقالىلەرنى باھالاش» قاتارلىق 8 تارماققا چېتىلىدىغان 13 باھالاش تۈرىئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.ئىككىنچى،«نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتى بويىچە نەمۇنە شەھەر»، «جۇڭگونىڭ مۇنەۋۋەر ساياھەت شەھىرى» قاتارلىق6 تارماققا چېتىلىدىغان 9 ئۆلچەمگە يېتىشنى باھالاش تۈرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. ئۈچىنچى، «رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە ئىستاتىستىكا خىزمىتىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى تەقدىرلەش» قاتارلىق21 تارماققا چېتىلىدىغان 49 تەقدىرلەش تۈرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. تۆتىنچى، «دۆلەتلىك دورا بىخەتەرلىكىدىكى نەمۇنە ناھىيە بەرپا قىلىش خىزمىتىنى باھالاش،ئۆتكۈزۈۋېلىش»، «جۇڭگو تېبابىتى-دورىگەرلىكى پەن تەتقىقات تەجرىبىخانىلىرىنى دەرىجىگە ئايرىپ باھالاش» قاتارلىق 5 تارماققا چېتىلىدىغان 5 باھالاش تۈرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر