خەلق تورىنىڭ 12-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرگەن، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا U20 ئەرلەر پۇتبولى 4 كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا ئۆتكەن،يىراق غەربىي شىمالدىن كەلگەن شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى كىشىلەرگە قىزغىنلىق ۋە ھاياتىي كۈچكە تولغان پۇتبول زېمىنىنى نامايان قىلىۋاتقاندەك قىلاتتى.
كەسپىي كۇلۇبلار يوق، ھېچقانچە قوللاشلارمۇ بولمىغان شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى كىشىلەرنىڭ نەزىرىگە ئىلىنمايتتى. مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۇلارنىڭ ئۆزىنى نامايان قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم پۇرسىتى بولدى. شىنجاڭ كوماندىسى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى U20 ئەرلەر پۇتبولى مىس مېدالنى تالىشىش مۇسابىقىسىنى ئاياغلاشتۇرۇپ مەيداندىن چىقىدىغان چاغدا «شىنجاڭ پۇتبول ئەزىمەتلىرى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرمىللەت خەلقىگە سالام يوللايدۇ» دېگەن خەتلەر يېزىلغان پلاكاتنى كۆتۈرۈپ چىقتى، مەيداندىكى بارلىق تاماشىبىنلار ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ چاۋاك چېلىشتى. كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغىنى شۇكى بۇ يىگىتلەر پۇتبولغا بولغان ساپ ۋە ئاددىي ئىشتىياقنى نامايان قىلغانىدى.