باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ب د ت: ئىچكى ئۇرۇش بىر ئەۋلاد سۇرىيە بالىلىرىنى ئوقۇشسىز قويدى

2013.09.12 15:23        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا «دەۋر» ھەپتىلىك ژۇرنىلىنىڭ تور پونكىتىدا 6-سېنتەبىر ئېلان قىلىنغان خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندى يېقىندا ئېلان قىلىنغان ئۇچۇردا ئېيتىلىشچە، سۇرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇش بۇلتۇر ئىككى مىليونغا يېقىن سۇرىيەلىك بالىنىڭ ئوقۇشسىز قېلىشىغا سەۋەبچى بولغان. بۇ سان مەزكۇر دۆلەتتىكى بىرىنچى يىللىقتىن توققۇزىنچى يىللىققىچە سىنىپتىكى بالىلار ئومۇمىي سانىنىڭ %40 تىنى ئىگىلەيدىكەن.

  خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندى ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقا رايونىنىڭ مۇدىرى مارىيە كارىۋىېس 6- سېنتەبىر ئېلان قىلغان باياناتتا ئېيتىلىشچە، سۇرىيە ئىچكى ئۇرۇشى يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى، مەزكۇر دۆلەتتە باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپى ئاساسەن دېگۈدەك ئومۇملاشقان، ئەمما يۇرت- ماكانىدىن ئايرىلىش، زوراۋانلىق، قورقۇنچ ۋە مۇقىمسىزلىق نەچچە يۈز مىڭ بالىنى ئوقۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالدۇرغان.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بۇ يىل 3- ئايدا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشچە، سۇرىيە ئىچكى ئۇرۇشى ئالتە مىليوندىن ئارتۇق سۇرىيەنىڭ يۇرت- ماكانىدىن ئايرىلىپ قېلىشىغا سەۋەب بولغان، بۇ سان سۇرىيەدىكى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %25 تىنى ئىگىلەيدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە 20 مىڭ ئادەم سۇرىيەدىن پۈتۈنلەي ئايرىلغان.

  ئىگىلىنىشچە، سۇرىيەدىن ئايرىلغان بىر مىليون بالا مۇساپىر ئىچىدە، نۇرغۇن بالا پاناھلىنىۋاتقان دۆلەتتە ماس كېلىدىغان مەكتەپ تاپالمايدىكەن. سۇرىيەنىڭ ئەتراپىدىكى ئىراق، لىۋان ۋە ئىئوردانىيەدە پەقەت ئۈچتىن بىر قىسىم ياكى ئۈچتىن بىر قىسىمغىمۇ يەتمەيدىغان سۇرىيەلىك بالا نورمال ئوقۇيالايدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل