- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


سۇرىيە خېمىيەلىك قوراللارنىڭ يوشۇرۇلغان ئورنىنى ئاشكارىلاشقا ماقۇل بولدى
2013.09.12 15:53 مەنبە: خەلق تورى
ئامېرىكا زوڭتوڭى ئوباما شۇ يەر ۋاقتى 10-سىنتەبىر كەچتە مەملىكەتلىك تېلېۋىزىيە نۇتۇقى ئېلان قىلىپ، نۆۋەتتە بىر قىسىم ئىجابىي سىگناللارنىڭ بېرىلىۋاتقانلىقىنى، سۇرىيە بەشىر ھۆكۈمىتىنىڭ خېمىيەلىك قوراللارنى تاپشۇرۇشىغا رۇسىيەنىڭ تۈرتكە بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى، سۇرىيە ھۆكۈمىتىنىڭمۇ «خېمىيەلىك قوراللارنى چەكلەش شەرتنامىسى»گە كىرىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى ئېيتتى. ئوباما مۇنداق دېدى: گەرچە ھازىر ھۆكۈم قىلىش تېخى بالدۇر بولسىمۇ، بىراق رۇسىيەنىڭ بەشىر ھاكىمىيىتىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك قوللىغۇچىلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى نەزەردە تۇتقاندا، رۇسىيەنىڭ تەكلىپى قورال كۈچى ئىشلەتمىگەن ئەھۋال ئاستىدا سۇرىيە يادرو كرىزىسىنى يوقىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى مۇمكىن.
بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، ئوباما پارلامېنتتىن سۇرىيەگە قورال كۈچى ئىشلىتىش لايىھەسىنى ئاۋازغا قويۇشنى كېچىكتۈرۈشنى تەلەپ قىلىپ، دىپلوماتىيە يولى ئارقىلىق سۇرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلماقتا.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان