باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن «ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ھەرىكەت پىلانى»نى ئېلان قىلدى

2013.09.13 15:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كەلگۈسى 10يىل ئىچىدە ھاۋادا چوڭ ئۆزگىرىش بولىدۇ. 10 يىل ئىچىدە ھاۋانىڭ ئېغىر بۇلغىنىشى تەدرىجىي تۈگىتىلىدۇ

  خەلق گېزىتىنىڭ 12-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: بۈگۈن گوۋۇيۈەن ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ھەرىكەت پىلانى»نى ئېلان قىلدى، (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ھەرىكەت پىلانى» دېيىلىدۇ). بۇ مەملىكىتىمىزنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش خىزمىتىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋە بۇندىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى ھەرىكەت قىبلىنەماسى ھېسابلىنىدۇ.

  «ھەرىكەت پىلانى»دا ئاتموسفېرا بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش خىزمىتىنىڭ نىشانى بەلگىلەندى: بەش يىل تىرىشىش ئارقىلىق مەملىكەتنىڭ ھاۋا سۈپىتىنى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشىلىنىدۇ، ھاۋانىڭ ئېغىر بۇلغىنىش نىسبىتىنى زور ھەجىمدە ئازايتىلىدۇ؛ بېيجىڭ، تيەنجىن، خېنەن، چاڭجياڭ دېلتىسى، جۇجياڭ دېلتىسى قاتارلىق رايونلارنىڭ ھاۋا سۈپىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىدۇ. يەنە بەش يىل ياكى ئۇنىڭدىن كۆپرەك ۋاقىت تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق ھاۋانىڭ ئېغىر بۇلغىنىشى تەدرىجىي تۈگىتىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھاۋا سۈپىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىدۇ. كونكرېت كۆرسەتكۈچ مۇنداق: 2017-يىلىغا بارغاندا، مەملىكىتىمىزدىكى ۋىلايەت دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك شەھەرلەردىكى سۈمۈرۈلىدىغان ماددىلارنىڭ قويۇقلۇقى 2012-يىلدىكىدىن 10 پىرسەنتتىن ئارتۇقتۆۋەنلىتىلىپ، ھاۋا سۈپىتى ئەلا ۋە ياخشى بولغان كۈن سانى يىلمۇ يىل كۆپەيتىلىدۇ؛ بېيجىڭ، تيەنجىن، خېنەن، چاڭجياڭ دېلتىسى، جۇجياڭ دېلتىسى قاتارلىق رايونلاردىكى ئۇششاق دانچە قويۇقلۇقى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 25 پىرسەنت، 20 پىرسەنت ، 15 پىرسەنت ئەتراپىدا تۆۋەنلىتىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە بېيجىڭ شەھىرىنىڭ يىللىق ئۇششاق دانچە قويۇقلۇقى كۇبمېتىر ھاۋادا 60مىكروگىرام ئەتراپىدا تىزگىنلىنىدۇ. (سانلىق مەلۇماتلار ئۆز مۇخبىرىمىز سۈن شيۇيەن ۋە شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋرىدىن ئېلىندى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل